Uyghurئاساسىي لۇغەت
مەۋلىد نەبىي
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى <پەيغەمبەرنى خاتىرىلەش> دېگەنلىك بولۇپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇنياغا كەلگەن كۈنى خاتىرىلىنىدۇ. بۇ ھىجرىيە 3 - ئاينىڭ 12 - كۈنىدۇر. بۇ كۈن يەنە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھىجرىيىنىڭ 11 - يىلى (مىلادىيە 632 - يىلى) ئالەمدىن ئۆتكەن كۈنىدۇر (ۋاپات نەبىي دېيىلىدۇ)، بۇ كۈنى مۇسۇلمانلار مەسچىت ياكى ئائىلىلەردە جەم بولۇپ، قىرائەت قىلىدۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام شەرىپىگە قەسىدە ئوقۇيدۇ. ئاخۇنۇمنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتىدىكى ئىش - پائالىيەتلىرى توغرىسىدىكى رىۋايىتىنى ئاڭلايدۇ. جۇڭگودىكى بەزى مۇسۇلمانلار شۇ كۈنى مال سويۇپ نەزىر قىلىدۇ. مەۋلۇد شېرىپ ئوقۇيدۇ.