Uyghurئاساسىي لۇغەت
مەي
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئىچىملىك، شاراب.
نۇش قىلىپ جامى مەي لالەگۇن،
بەندە قىلاي پەرەئى بىزۇر جۇنۇن.
زەلىلى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ھاراق، ئىچكۈلۈك، شاراپ؛ خېمىر.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئاشلىق، مېۋىگە ئوخشاش كراخماللىق، شېكەرلىك ماددىلارنى ئېچىتىپ ياسالغان ئىچكۈلۈك، ئىسپىرتلىك بولىدۇ، كۆپ ئىچسە مەست قىلىدۇ، تۈرى كۆپ، بۇلار ئومۇمىي ناملىرى.
ئىچىملىك ئىچىشتە فرانسۇزلار دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. 1989 - يىلى فرانسۇزلارنىڭ ئىچكەن ئىچىملىكى كىشى بېشىغا 73 لىتردىن توغرا كەلگەن. ئىچىملىكنى ئەڭ ئاز ئىچىدىغىنى ياپونلار بولۇپ، شۇ يىلى ياپونلارنىڭ ئىچكەن ئىچىملىكى كىشى بېشىغا 6.1 لىتردىن توغرا كەلگەن. ئىچىملىك ئىچىش زەھەر ئىچىش دېمەكتۇر. ئەقىل تاشنى يارىدۇ، ھاراق باشنى يارىدۇ. ھاراققا بېرىلگەن قەبرىسىنى ئايلىنار. مەي تىلنىڭ تىزگىنىنى بوشىتىۋېتىدۇ. ئىچتىم شاراب بولدۇم خاراب. نەغمىسىز شاراب - قامچىسىز ئازاب. < شارابقا قاندىم> دېگۈچە،< چاتاققا قالدىم> دە.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئۈزۈمنى ئېچىتىش ئارقىلىق تەييارلىنىدىغان بىر خىل ئىچىملىك؛ ۋىنو، مۇسەللەس؛ ھاراق، شاراب.
مەي ئىچمەك. مەي تۇتماق.
مېۋە - چېۋىلەرنىڭ تازا پىشقان چاغدىكى شىرىسى، شىرنە.
مەي باغلىماق.
ئەنجۈر پىشىپ مەي بولدى، تەمى ئوخشار شېكەرگە. بەلنى مەھكەم باغلىدۇق، يېڭى ئۇزۇن سەپەرگە.