Uyghurئاساسىي لۇغەت
مەۋلەۋىيە پىرقىسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
سوپى قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ تەشكىلىي بولۇپ، تۈركىيىدە مېرلەۋىيە دېيىلىدۇ. بۇنى 13 - ئەسىردە پرسىيىدىكى تەسەۋۋۇپچى شائىر جالالىدىن رۇمى قۇرغان. جالالىدىن رۇمى مەۋلان دەپ ھۆرمەتلەنگەنلىكتىن، بۇ پىرقە <مەۋلەۋلىيە پىرقىسى> دەپ ئاتالغان. جالالىددىن رۇمى بالختە (ھازىرقى ئافغانىستاندا) دۇنياغا كەلگەن. دادىسى باھائىددىن (1148 - 1203) خاۋارىجلارنىڭ تەسەۋۋۇپچىلىق ئەنئەنىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان دىنىي دەۋەتچى ئىدى. 1217 - يىلى موڭغۇل قوشۇنىنىڭ غەربكە يۈرۈش قىلىشى ۋە ئائىلىسىدىكى قىينچىلىق تۈپەيلىدىن ئۆيدىكى ھەممەيلەن باشقا يەرلەرگە كېتىدۇ. جالاللىددىن رۇمى دادىسى بىلەن بىللە باغدات، مەككە، دەمەشىق قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، ئاخىر سالجۇقىيلار سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىقىدىكى كونيا (ھازىر تۈركىيىگە تەۋە) غا كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ شۇ يەردە ئالەمدىن ئۆتۈپ شۇ يەرگە دەپنە قىلىنىدۇ. ئۇنىڭغا شاگىرتى ھەسەن ھەسامىددىن (؟ - 1284) ۋارىسلىق قىلىدۇ. كېيىن جالالىددىن رۇمىنىڭ ئوغلى باھائىددىن سۇلتان ۋەلەد (؟ - 1312) ۋارىسلىق قىلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ پىرقىنىڭ رەھبەرلىكىگە شۇ جەمەتتىكىلەر ۋارىسلىق قىلىدۇ. باھائىددىن سۇلتان ۋەلەد ۋە ئۇنىڭ ئىزباسارى جالالىددىن ئەمىر ئارىف (؟ - 1320) دەۋرىدە بۇ پىرقە ئاناتولىيىدە كەڭ تارقىلىدۇ ھەمدە ئاياللارنىڭ پائالىيەت مەركەزلىرىنى قۇرىدۇ. بۇ پىرقە رۇمىنىڭ پارس تىلىدا يېزىلغان تەسەۋۋۇپچىلىق داستانى <مەسنەۋى> بىلەن داڭق قازىنىدۇ. بۇ داستاننى كىشىلەر سوپىلارنىڭ <قۇرئان كەرىم> دەك كىتابى دەپ ھۆرمەتلەپ، زىكرىنىڭ مەزمۇنلىرىدىن بىرى قىلىدۇ. بۇ پىرقە نەپسىنى يىغىشقا، رىيازەت چېكىشكە ئەمەل قىلىدۇ. روھىي جەھەتتىن تاۋلىنىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. شۇڭا ياۋروپالىقلار ئۇلارنى <ئايلىنىپ تۇرىدىغان دەرۋىشلەر> دەيدۇ. كونيا مۇقەددەس جاي ھېسابلىنىدۇ. بۇ پىرقىنىڭ سالجۇقىيلار ھۆكۈمىتى بىلەن مۇناسىۋىتى قويۇق بولۇپ، كىچىك ئاسىيادا ۋە ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ ياۋروپادىكى ئۆلكىلىرىدە تەسىرى ناھايىتى يوق بولدى. دەمەشىق، قاھىرە ۋە ئېرۇسالىم قاتارلىق جايلاردا بۇ پىرقىنىڭ زاۋىيەلىرى بولۇپ، ئۇلارنى ئاساسلىقى شۇ يەرلەردىكى تۈركلەر سالغانىدى. بۇ دىنىي پىرقىنى 1925 - يىلى تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋەتتى. ھازىر ئوتتۇرا شەرق رايونىغا تارقالغان بولۇپ، سۈرىيە ۋە ھەلەفتە كۆپ.