Uyghurئاساسىي لۇغەت
مەسئۇد
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
سائادەتلىك، بەختلىك:
مەي ۋەھدەت ئەگەرساقى ئەزەلدىن جامى دىل ئىچرە،
يېتىشسە ئول كىشىنىڭ بولغۇسىدۇر تالىئى مەسئۇد.
شەۋقى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
بەختلىك، سائادەتلىك، بەختىيار، راھەتلىك.
دۇنيا تارىخى
(؟ - 956) ئەرەب تارىخشۇناسى ۋە ساياھەتچىسى، باغداتتا تۇغۇلغان. مىلادى 915-يىلى جايلارغا بېرىپ ساياھەت قىلىشقا باشلىغان. ھىندىستان، مالايا، پېرسىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا، سۈرىيە، مىسىر، زانزىبار قاتارلىق جايلارنى ساياھەت قىلغان. جۇڭگوغا، ماداغاسقارغىمۇ كەلگەن بولسا كېرەك. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا سۈرىيە ۋە مىسىردا ئولتۇراقلاشقان، توپلىغان ماتېرىياللارنى رەتلەپ كاتتا تارىخىي ئەسەرنى يېزىپ چىققان. بۇ ئەسەر جەمئىي 30 قىسىم بولسىمۇ، ھازىر <ئالتۇن ئوتلاق بىلەن ئۈنچە - مەرۋايىت بايلىقى> دېگەن بىر قىسمىنىڭ قىسىقىچە مەزمۇنىلا ساقلىنىپ قالغان، ئەنئەنىۋى سالنامە ئۇسۇلىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئىشنىڭ باش - ئايىغىنى خاتىرىلەش ئۇسۇلى بىلەن تارىخ يازغان تۇنجى ئەرەب تارىخشۇناسى بولۇپ، ئەرەب ھېرودوتوسى دەپ ئاتالغان. بۇ ئەرنىڭ مەزمۇنى مول بولۇپ، ئەرەبىستاننىڭ قەدىمكى تارىخىدىن باشقا، گرېتسىيە، رىم ۋە ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنىڭ تارىخى، جۇغراپىيىسى، ئۆرب - ئادەتلىرى، قانۇن - تۈزۈملىرى خاتىرىلەنگەن ھەمدە جۇڭگودىكى خۇاڭ چاۋ قوزغىلىڭىمۇ تىلغا ئېلىنغان.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
مەسئۇت، مەسخۇت
بەختلىك
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
(ئەرەبچە)
بەختلىك، بەختىيار، سائادەتمەن.