Uyghurئاساسىي لۇغەت
مەسئۇدى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
مۇسۇلمان تارىخشۇناس، جۇغراپىيشۇناس ۋە پەيلاسوپ. باغداتتا دۇنياغا كەلدى. ئىبنى مەسئۇدنىڭ ئەۋلادى. كىچىكىدىن ئوقۇشقا قىزىقىپ، نۇرغۇن پەنلەرنى ئۆگەندى. مۇئتەزىلىيەگە مايىل بولدى. 20 يېشىدىن باشلاپ ساياھەت قىلىپ، شەرقتە ھىندىستانغىچە، غەربتە مىسىرغىچە بېرىپ، 948 - يىلى قاھىرەدە ئولتۇراقلىشىپ، ئالەمدىن ئۆتكىچە قاھىرەدە ياشىدى. 20 نەچچە خىل ئەسەر يازغان بولسىمۇ، بۇ ئەسەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى يوقاپ كەتتى. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى دۇنيا تارىخى يېزىلغان 30 جىلدلىق غايەت زور ئەسەرنىڭ مەزمۇنى خاتىرىلەنگەن <مۇرۇج ئەل زەھەب ۋە ماقادىن ئەل جەۋھەر> (ئالتۇن يايلاقلار ۋە ئۈنچە - مارجان كانلىرى) ساقلىنىپ قالدى. ئىبنى خەلدۇن تەرىپىدىن تارىخ ئىلمى ساھەسىدكى ئىمام، دەپ تەرىپلەندى. غەربتە <ئەرەبلەرنىڭ ھېرودوتى> دەپ ئاتالدى. <تەنبىھ ۋە ئىشراف>، <دەرنىڭ يايلىقى> قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازدى.