Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
مەسئۇد
تارىخ
麻速忽
má sù hūDدۇنيا يەر - جاي ناملىرى
迈斯欧德
mài sī ōu dé
دۇنيا تارىخى
马苏第
mǎ sū dì
(؟ - 956) ئەرەب تارىخشۇناسى ۋە ساياھەتچىسى، باغداتتا تۇغۇلغان. مىلادى 915-يىلى جايلارغا بېرىپ ساياھەت قىلىشقا باشلىغان. ھىندىستان، مالايا، پېرسىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا، سۈرىيە، مىسىر، زانزىبار قاتارلىق جايلارنى ساياھەت قىلغان. جۇڭگوغا، ماداغاسقارغىمۇ كەلگەن بولسا كېرەك. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا سۈرىيە ۋە مىسىردا ئولتۇراقلاشقان، توپلىغان ماتېرىياللارنى رەتلەپ كاتتا تارىخىي ئەسەرنى يېزىپ چىققان. بۇ ئەسەر جەمئىي 30 قىسىم بولسىمۇ، ھازىر <ئالتۇن ئوتلاق بىلەن ئۈنچە - مەرۋايىت بايلىقى> دېگەن بىر قىسمىنىڭ قىسىقىچە مەزمۇنىلا ساقلىنىپ قالغان، ئەنئەنىۋى سالنامە ئۇسۇلىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئىشنىڭ باش - ئايىغىنى خاتىرىلەش ئۇسۇلى بىلەن تارىخ يازغان تۇنجى ئەرەب تارىخشۇناسى بولۇپ، ئەرەب ھېرودوتوسى دەپ ئاتالغان. بۇ ئەرنىڭ مەزمۇنى مول بولۇپ، ئەرەبىستاننىڭ قەدىمكى تارىخىدىن باشقا، گرېتسىيە، رىم ۋە ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنىڭ تارىخى، جۇغراپىيىسى، ئۆرب - ئادەتلىرى، قانۇن - تۈزۈملىرى خاتىرىلەنگەن ھەمدە جۇڭگودىكى خۇاڭ چاۋ قوزغىلىڭىمۇ تىلغا ئېلىنغان.