دائىرە: ئىسلام ئاتالغۇلىرىبۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى«پادىشاھ مەسچىتى» دېگەنلىك بولىدۇ. «خانلىق مەسچىتى» مۇ دېيىلىدۇ. ھازىر «ھۇمەينى مەسچىتى» دەپ ئاتىلىدۇ. ئىراندىكى چوڭ مەسچىت بولۇپ، ئىسفاھان شەھىرىدىكى ئابباس پادىشاھ مەيدانى (ھازىرقى ئىمام مەيدانى) نىڭ جەنۇبىي چېتىدە. ئەسلىي سەفەۋىيە سۇلالىسىدىكى ئابباس Ⅰ ناماز ئوقۇغان مەسچىت بولغاچقا، شۇنداق دەپ ئاتالغان. بۇ مەسچىتنىڭ قۇرۇلۇشى 1612 - يىلى باشلىنىپ، 50 يىلدا پۈتكۈزۈلگەن. بۇ چوڭ قۇرۇلۇش نازۇك پارس بىناكارلىق سەنئىتى بىلەن دۇنياغا مەشھۇر. مەسچىتنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى چاسا خىشنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ، بىر چاۋاك چالسا، گۈمبەز ۋە يەتتە قېتىم ئاۋاز يانىدۇ. مەسچىتنىڭ سىرتىدا تۆت مۇنار بولۇپ، پۈتۈنلەي كۆك، يېشىل ساپال بىلەن بېزەلگەن، ئادەم كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. مەسچىتنىڭ ئىچى جىمجىت، تۆت تەرىپىگە تاش بىلەن كۆلچەك ياسالغان، كۆلچەكلەردە لىق سۇ تۇرىدۇ. ھازىر ئىراندىكى ئەڭ كاتتا مەسچىتلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.