Uyghurئاساسىي لۇغەت
مەسچىت
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مۇسۇلمانلار توپلىشىپ ئىبادەت قىلىدىغان يەر، ناماز ئوقۇيدىغان جاي.
<مەسچىت> ئومۇمىي نام.
<جامە، خانىقا> چوڭراق بولىدۇ، جۈمە نامىزى ئوقۇشقا باب كېلىدۇ، ئادەتتىكى مېھرابتىن باشقا، خۇتبە ئوقۇيدىغان مۇنبەر بولىدۇ.
<ھېيتگاھ> ئەڭ چوڭ، ھېيت نامىزى ئوقۇش
مەسچىتتە مورا يوق، ئادەتكە دورا. كۈندۈزى چېركاۋنى ياقىلايدۇ، كېچىسى جامەنى مارىلايدۇ. خانىقا - خان خوجامنىڭ خانىسى. داچەن ئوينا تاۋكادا، پۇلنى خەجلە ھېيتگاھدا.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى «جامائەت يىغىلىپ ناماز ئوقۇيدىغان يەر» دېگەنلىك بولىدۇ. مەسچىت _ مۇسۇلمانلارنىڭ ئاساسلىق دىنىي ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەت سورۇنىدۇر. چوڭراق مەسچىتلەردە ئەرەبچىدە«جامە» دېيىلىدۇ. ئىسلام دىنى بارلىققا كەلگەن دەسلەپكى چاغلاردا ناماز ئوقۇيدىغان مەخسۇس سورۇنلار يوق ئىدى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە ھىجرەت قىلغاندىن كېيىن، چۆرىسىدە تېمى بار ھويلىدا ناماز ئوقۇدى. ئۇ ھويلىنىڭ چۆرىسىدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆيى ۋە باشقىلار ئولتۇرغان چېدىرلار بار ئىدى. مۇسۇلمانلار مۇشۇ يەردە ناماز ئوقۇدى، دىنىي ئەقىدە تەبلىغ قىلدى، دىنىي مۇراسىملارنى بەجا كەلتۈردى، دىنىي، ھەربىي، سىياسىي، ئىجتىمائىي جەھەتلەردىكى مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلدى. كېيىن تەرەققىي قىلىپ مەسچىت بولۇپ، مەدىنىدىكى نەبى مەسچىتى، دەپ ئاتالدى. مۇسۇلمان قوشۇنلىرىنىڭ يىراققا قىلغان سەپەرلىرىنىڭ غەلىبە قىلىپ، زېمىننىڭ كېڭىيىشىگە ۋە ئىسلام دىنىغا ئەمەل قىلىشنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالدى. تارىختا ئۆتكەن ئەرەب ئىمچېرىيىسىنىڭ ۋالىلىرى جايلاردا كۆپلەپ مەسچىت سالدۇردى تاكى شۇ يەرلەردىكى خرىستىئان، يەھۇدىيلارنىڭ چېركاۋلىرىنى مەسچىت قىلىپ ئۆزگەرتتى. قەبىلىلەر ۋە مەزھەپلەرمۇ بەسلىشىپ مەسچىت سالدى. بەزى ئۇلۇغلارنىڭ قەبرىلىرىنىمۇ نەبى مازىرى قىلىپ تەرەققىي قىلدۇردى. مۇسۇلمانلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلاردا سېلىنغان مەسچىتلەر ناماز ئوقۇيدىغان ۋە جامائەت توپلىشىدىغان جاي بولدى. مەسچىتلەرنىڭ نامى شۇ مەسچىتلەرنى سالغۇچىلارنىڭ، مەشھۇر زاتلارنىڭ، شۇ جاينىڭ ياكى مەسچىت ئالاھىدىلىكىنىڭ نامى بىلەن ئاتىلىپ، ھېيت - ئايەملەرنى تەبرىكلەيدىغان، كىشىلەر زىيارەت قىلىدىغان، تىلەكلىرىنى تىلەيدىغان سورۇن قىلىندى. مەككىدىكى مەسچىتى ھەرام، مەدىنىدىكى پەيغەمبەر مەسچىتى ۋە ئېرسالىمدىكى ئەقسا مەسچىتى ھەرقايسى دۆلەت مۇسۇلمانلىرى تاۋاپ قىلىدىغان مۇقەددەس جايلار بولدى. شىئە مەزھىپىنىڭ ئۆزىنىڭ زىيارەتگاھلىرى بولۇپ، ئۇ يەرلەرنى مۆمىنلەرنىڭ زىيارەت قىلىشىغا تەييارلاپ بەردى. تارىختا ئۆتكەن ھۆكۈمرانلارنىڭ ياسىشى، كېڭەيتىشى ياكى قايتا سېلىشى بىلەن مەسچىت بىنالىرى ئاددىيلىقتىن تەدرىجىي كۆركەملىشىپ، تۈۋرۈكلۈك كارىدورلۇق، مۇنارلىق، قۇببىلىق، مۇنبەرلىك، مېھرابلىق زاللار ياكى سەينالار شەكىلللەندۈرۈلدى ھەمدە ئۇلارغا مۇنچا ۋە باشقا قوشۇمچە مۇئەسسەسەلەر جايلاشتۇرۇلدى. بۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇش مەسچىتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇسلۇبى بولۇپ قالدى. مەسچىتلەرمۇ ئەرلەر مەسچىتى، ئاياللار مەسچىتىگە ئايرىلدى. ئاياللار ئۈچۈن مەخسۇس مەسچىتلەر سېلىندى ياكى چوڭ مەسچىتلەرنىڭ ئىچىگە تەييارلاندى. مەسچىتلەردە ئىمام، ۋەزخان، مۇئەززىن، مۇفەسسىرلەر كۈندىلىك دىنىي ئىشلارغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ۋەخپە، ئىئانە ۋە باشقا كىرىملەر مەسچىتلەرنىڭ ئىقتىسادىي مەنبەسى قىلىندى. بۇلارنى باشقۇرۇشقا مەخسۇس ھەيئەتلەر تەسىس قىلىندى. مەسچىت مۇسۇلمانلار ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنىڭ مەركىزى بولۇپ، نۇرغۇن ئىجتىمائىي فۇنكسىيىلەرگە ئىگە قىلىندى. مەسچىتلەردە ھەم ۋەز ئېيتىلىپ، خۇتبە ئوقۇلدى، دىنىي ۋە مەدەنىيەت بىلىملىرى ئومۇملاشتۇرۇلدى، ھەم مۇسۇلمانلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك دىنىي مۇراسىملىرى ئۆتكۈزۈلدى. بەزىدە سىياسىي، ئىقتىساد ۋە باشقا جەھەتلەرگە دائىر مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىندى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
دىن
مۇسۇلمانلارنىڭ جەم بولۇپ ناماز ئوقۇيدىغان ئىبادەتخانىسى.
ھېيتكاھ مەسچىتى. دۆڭكۆۋرۈك مەسچىتى.