Uyghurئاساسىي لۇغەت
مەنزىل
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
تۇرار جاي، تۇرالغۇ، ئۆي:
ئۆتەڭ؛ مۇساپە، يول:
1. قايدا بولسا مۇنى سانچىپ قويۇپ،
سەبزە بولغان يەر ئۆرە مەنزىل ئۆيۈڭ.
زەلىلى.
2. يۈرۈپ نەچچە مەنزىل قەدەم رەنج ئېتىپ،
رىيازەتدە جاننى ئەلەم سەنج ئېتىپ.
ئا. نىزارى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
قونالغۇ، بېكەت، ئۆتەڭ، تۇرار جاي؛ ئىككى جاي ئارىسىدىكى ئارىلىق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يول - سەپەردە چۈشۈپ ئۆتىدىغان، قونىدىغان يەر.
ماكانىدىن ئايرىلغانغا يەتتە يىل قونالغۇ يوق. ئات ئورۇق، مەنزىل يىراق. تاش ئۆتەڭدە بىر كۈن قوندۇق.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى <باسقۇچ> دېگەنلىك بولىدۇ. سۈرىلەرنى ئوقۇغان چاغدىكى بىر خىل كۆرسەتكۈچ كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئىسلام مۇفەسسىرلىرى <قۇرئان كەرىم> نى يەتتە قىسىمغا بۆلۈپ، ھەربىر قىسىمنى بىر مەنزىل دەپ ئاتايدۇ. تەقۋادار مۇسۇلمان ھەر كۈنى بىر مەنزىل ئوقۇپ، <قۇرئان كەرىم> نى بىر ھەپتىدە ئوقۇپ بولۇشى كېرەك.
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
مەنزىل - قونالغۇ، بېكەت، ئۆتەڭ، تۇرار جاي دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ شىنجاڭنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇزۇنلۇق (يول، مۇساپە) ئۆلچەم بىرلىكى. قەدىمدە بىر مەنزىل بىر ئايلىق يول، يەنى پىيادە بىر ئايدا بېسىپ بولغىلى بولىدىغان يولنى كۆرسەتكەن. چۈنكى قەدىمكى زاماندا شەھەر بىلەن شەھەرنىڭ بىر ئەل يەنە بىر ئەلنىڭ ئارىلىقى يىراق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوتتۇرىسىدا ئۆتەڭ ياكى قۇنالغۇلار تەسىس قىلىنمىغاچقا، مەنزىل ناھايىتى ئۇزاق ئارىلىقنى كۆرسەتكەن. كېيىن ئۆتەڭ تەسس قىلىنغاندىن كېيىن، ئۆتەڭنى كۆرسەتكەن. يەنى بىرىنچى ئۆتەڭ - بىرىنچى مەنزىل، ئىككىنچى ئۆتەڭ - ئىككىنچى مەنزىلنى بىلدۈرگەن. <تارىخى ھەمىدى> دە تۇرپان بىلەن قۇمۇلنىڭ ئارىلىقى 12 مەنزىل ئىكەنلىكى خاتىرىلەنگەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
سەپەر قىلغاندا، توختاپ ئۆتىدىغان، قونىدىغان ياكى يېتىپ بېرىش مۆلچەرلەنگەن جاي.
ئۇ ئۆز مەنزىلىگە يەنە ئۈچ - تۆت سائەت ئىچىدە يېتىپ بارالايدىغانلىقىنى كۆڭلىدە جەزم قىلىپ قويدى.
كۆچمە. بىرەر ھەرىكەت، كۈرەش نەتىجىسىدە ئېرىشىلىدىغان، مۆلچەرلەنگەن مەقسەت، مۇددىئا؛ يېتىدىغان نىشان.
يېڭىلىشنىڭ ئانىسى، شۇنداق، تۇغۇلار يېپيېڭى مەردلىك نۇر چېچىپ! يېتىدۇ ئارمانلار ئاخىر مەنزىلگە، تۆكۈلگەن قانلاردىن يېڭى يول ئېچىپ!
مۇساپە، يول.
مەنزىل مىڭنى شاللايدۇ، ۋىسال مەردنى ياللايدۇ.