Uyghurئاساسىي لۇغەت
مەنزىرە
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
مەلۇم بىر جاينىڭ كۆزگە تاشلىنىپ تۇرغان ياكى تەسەۋۋۇر قىلىنغان تاغ - دەريا، گۈل - گىياھ، دەل - دەرەخ، ئۆي - ئىمارەتلەر ۋە بەزى تەبىئەت ھادىسىلىرى (يەنى قار، يامغۇر قاتارلىقلار) دىن تەشكىل تاپقان كۆرۈنۈشى.
تەبىئەت مەنزىرىسى. مەنزىرە تەسۋىرى. مەنزىرە رەسىمى. مەنزىرە لىرىكىسى.
ئەھۋال، كۆرۈنۈش.
ئۇنىڭ خىيالىدىن <ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان> دادىسىنىڭ جەسىتىنى ھويلىغا كۆتۈرۈپ كىرىۋاتقان پاجىئەلىك مەنزىرە ئۆتۈۋاتاتتى.