Uyghurئاساسىي لۇغەت
مەملىكەتلىك ئىسلام فرونتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
سۇدان مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي، سىياسىي پارتىيىسى بولۇپ، مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ شۆبىسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار شەرىئەت ئاساس قىلىنغان، ھاكىمىيەت بىلەن دىن بىرلەشتۈرۈلگەن ئىسلام دۆلىتى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلدى. 9641 - يىلى 10 - ئايدا ئابد ھەربىي ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇۋېتىش يولىدىكى خەلق قوزغىلىڭىغا قاتناشتى؛ 1975 - يىلى ۋە 1976 - يىلى ئىككى قېتىم ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشكە قاتنىشىپ غەلىبە قىلالمىدى. 1986 - يىلىدىكى چوڭ سايلامغا قاتنىشىپ، دۆلەتنى ئىسلاملاشتۇرۇشنى يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرغانلىقتىن ئىچكى كابېنتقا كىرەلمىدى.