Uyghurئاساسىي لۇغەت
مەملۇك سۇلالىسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(1250 - 1517) مىسىردىكى قۇللار سۇلالىسى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. <قۇل> دېگەن ئاتالغۇ ئەرەبچىدە مەملۇك دېيىلگەچكە، بۇ سۇلالە مەملۇك سۇلالىسى دەپ ئاتالغان. بۇ سۇلالىنى مىسىردىكى ئەييۇبىيە سۇلالىسىنىڭ ئوردىسىدىكى قۇل مۇھاپىزەتچىلەر ھوقۇق تارتىۋېلىپ قۇردىئ سۇلتان بەيبەرەس 1260 - يىلى <ئەين جالۇت> ئۇرۇشىدا موڭغۇللارنىڭ غەربكە تاجاۋۇز قىلىشنى توسىدى. ئابباسىيلار سۇلالىسى يېمىرىلگەندىن كېيىن، بىر مەھەل گۈللەندى، كۈچى مىسىر، سۈرىيە، نۇبىئان، سىپروس، رودوس ئارىلىغىچە كېڭەيدى. ھاكىمىيەتنىڭ شەرىئەتكە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، ئابباس ئەۋلادىدىن 16 ئادەمنى يۆلەپ نامدىكى خەلىپە ئورنىغا چىقاردى. بۇ ئارىلىقتا ئىراق، شىمالىي ئافرىقا، غەربىي ئاسىيادىن كەلگەن ئۆلىمالار قاھىرەگە توپلاندى. ئەزھەر ئىسلام دۇنياسىنىڭ دىن ۋە مەدەنىيەت مەركىزى بولدى. دۆلەتنىڭ سودىسى گۈللەندى، يېزا ئىگىلىك، سانائەت نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولدى. مىمارچىلىق سەنئىتى ۋە پەن - مەدەنىيەت تەرەققىي قىلدى. دىنىي تەربىيە ۋە دىنىي تۇرمۇش نورماللاشتى. ئەششافىيە ۋە سوپىزم كەڭ تارقالدى. كېيىنكى مەزگىلدە سۇلالە يەڭگۈشلىنىپ، سودا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ، سۇلالە خارابلىشىشقا يۈزلەندى، ئاخىر ئوسمانلىلار تەرىپىدىن يوقىتىلدى.