Uyghurئاساسىي لۇغەت
مەملىكەتلىك سىياسىي بىرلەشمە
دائىرە: دۇنيا تارىخىئەنگلىيىنىڭ 1832-يىلدىكى پارلامېنت ئىسلاھاتىدىكى سانائەت بۇرژۇئازىيىسىنىڭ سىياسىي تەشكىلاتى. 1830-يىلنىڭ باشلىرىدا بىر مىنھام، لوندون قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردە ئىلگىرى - كېيىن قۇرۇلغان. بىر مىنھامدا راسا جانلىنىپ كەتكەن. رەھبەرلىرى بىر مىنھاملىق بانكېر ئاتېۋدېئو ۋە لوندونلۇق كىيىم تىكىش ئىشخانىسى خوجايىنى فرانسىس پولېس قاتارلىقلاr. بۇ بىرلەشمە باج - سېلىق تاپشۇرۇشقا قارشى تۇرۇشى ۋە بانكىدىن ئامانەت پۇلىرىنى ئۇشتۇمتۇت كۆپلەپ ئېلىش ئاقرىلىق ئىسلاھاتقا قارشى تۇرغۇچىلارغا تەھدىت سالغان. ئۇلارنىڭ ھەرىكىتى ئىچكى ئىشچىلار ھەىركىتى ۋەزىرى جون رۇسسۋېل (1792 - 1878) ۋە باشقا خۇيگ پارتىيىسى كابىنېت ئەزالىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. كۆلىمى غايەت زور بولغان ئاممىۋى يىغىن ۋە نامايىش ئۆتكۈزۈپ، پارلامېنت ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.