Uyghurئاساسىي لۇغەت
مەمنۇن
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
مىننەتدار، خۇرسەن؛ رازى:
ساچىپ نەۋ جەۋان باشىدىن سىيم - زەر،
چۇ مەمنۇن ئولۇپ ئاندا بارغان ھەشەر.
ئا. نىزارى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىش - ھەرىكەتتىن قانائەتلىنىش تۇيغۇسى.
بازارغا رازى بول، يوققا سەۋرى قىل. ئاز پايدىغا رازى بولمىساڭ، كۆپ زىيانغا ئۇچرايسەن. قازاغا رىزا بولماقتىن ئۆزگە چارە يوق. يار شۇدۇر كۆنسە يار جاپاسىغا، ئارزۇسىنى كۆندۈرسە يار رىزاسىغا. سەن ئۇنى مەمنۇن قىلىمەن دېسەڭ، ئۇنىڭ دېگىنىنى قىل. قىلغان ياخشىلىقلىرىڭىزدىن مىننەتدارمەن، ئۆلگۈچە ئۇنتۇمايمەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئەرەبچە
رازى، قانائەتلەنگەن؛ خۇرسەن، مىننەتدار.
مەمنۇن بولماق. مەمنۇن قىلماق.