Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ماراتا ئۇرۇشى
دائىرە: دۇنيا تارىخى马拉塔战争
mǎ lā tǎ zhàn zhēng
ⅧⅩ ئەسىردىن ⅨⅩ ئەسىرگىچە ئەنگلىيە ھىندىستاندىكى ماراتا دۆلىتىگە ئۈچ قېتىم تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشى قوزغىغان: (1) 1775 - 1782 - يىللىرى. ئەنگلىيە ماراتانىڭ ھۆكۈمرانى نارابان رائونىڭ رەقىبى راگۇنات رائونى قوللىشى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان. ئەنگلىيە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ماراتا بەگلىكى ئىتتىپاقىنىڭ قوشۇنلىرى ئارىسىغا بۆلگۈنچىلىك سېلىپ ۋە ئۇلارنى مەغلۇپ قىلىپ، 1782 - يىلى 5 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تۈزگەن <سالباي شەرتنامىسى>غا ئاساسەن سالسېتتى ئارىلىغا ئىگە بولغان. (2) 1803 - 1805 - يىللىرى. 1802 - يىلى 12 - ئايدا ھۆكۈمران باجى رائو Ⅱ ئەنگلىيە بىلەن <باسىن شەرتنامىسى> ئىمزالاپ، ماراتادىكى ئۈچ چوڭ بەگنىڭ يەنى: خولكار، سىندىيا ۋە بونىسلىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ، يەنە بىر قېتىم ئۇرۇش بولغان. 1803 ـ يىلى 9 - ئاي ۋە 11 - ئايدا ئەنگلىيە ئاسسايېى ۋە ئارگائوندىكى ئىككى قېتىملىق جەڭدە بونىسلىنى مەغلۇپ قىلىپ، 12 - ئايدا دىئوگون <شەرتنامىسىنى> ئىمزالاپ، بونىسلىنى قوغداشنى قوبۇل قىلىشقا، كىتاكنى بۆلۈپ بېرىشكە مەجبور بولغان. شۇ يىلى ئەنگلىيە لاسۋارى جېڭىدە، شىندىيانى مەغلۇپ قىلىپ، 12 - ئايدا ئىككى تەرەپ <سۇرجى - ئانزانگاڭ شەرتنامىسى> نى ئىمزالاپ، سىندىيا گانگ دەرياسى ۋە جۇمنا دەرياسى ئارىلىقىدىكى سۇيۇرغاللىق يېرىنى بۆلۈپ بەرگەن. 1804 - يىلى 11 - ئايدا، ئەنگلىيە دىگدا خولكارنى مەغلۇپ قىلغان، خولكار چامبال دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى بارلىق زېمىنىدىن مەھرۇم بولغان. (3) 1817 - 1818 - يىللىرى. ئەنگلىيەنىڭ ماراتا بەگلىرى قوللىغان <قاراقچى> پىندىيىلىكلەرگە قورشاپ ھۇجۇم قىلىشى بىلەن كېلىپ چىققان جەڭ. 1817 - يىلى 11 - ئايدا، ھۆكۈمران باجى رائو Ⅱ پونادا ئەنگلىيىگە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، ھەرقايسى بەگلىكلەرنىڭ ھەممىسى بۇنىڭغا ئاۋاز قوشقان. لېكىن ئالتە قېتىملىق جەڭدە ئىلگىرى - ئاخىر ئەنگلىيە تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان. 1818 - يىلى 6 - ئايدا، ھۆكۈمران ئەنگلىيىگە تەسلىم بولۇپ، تەختتىن چۈشۈرۈلگەن. شىندىيا ۋە خولكار ئايرىم - ئايرىم ھالدا ناربادا دەرياسىنىڭ شىمالىي ۋە جەنۇبىدىكى زېمىنىنى ئەنگلىيىگە بۆلۈپ بەرگەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ماراتا رايونى ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك ھۆكۈمرانلىقىدا بولۇپ كەلگەن.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.