Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
مارات
دۇنيا تارىخى
马拉
mǎ lā
(1743 - 1793) فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىي دەۋرىدىكى ياكوبىنچىلارنىڭ ئاساسىي ۋەكىللىرىدىن بىرى. دوختۇر ھەم مۇخبىر بولغان. شۋېتسارىيە ناشاتېل شتاتىنىڭ بۇدىلى شەھىرىدىكى بىر پىروتېستانت ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1759 - 1765 - يىلللاردا فرانسىيىدە مۇھاجىر بولۇپ تۇرۇپ، قامۇسچىلارنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغان. 1765 - يىلى ئەنگلىيگە كۆچۈپ بېرىپ، ئەنگلىيە ماتېرىيالىزمى ۋە ئىنقىلابىي ئىدىيىسىنىڭ تەسىرى ئاستىدا تەرەققىيپەرۋەر سىياسىي پائالىيەت ۋە يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. 1774 - يىلى <قۇللۇق تۈزۈم زەنجىرىسى> دېگەن ئەسەرنى ئېلان قىلىپ پادىشاھلىق تۈزۈمگە ھۇجۇم قىلىپ، قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش توغرىسىدىكى ئىنقىلابىي ئىدىيە ۋە نەزەرىيىنى ئوتتۇرغا قويغان. 1776 - يىلى پارىژغا كۆچۈپ بېرىپ، فرانسىيە بۇرادەرلەر جەمئىيىتىگە قاتناشقان. 1789 - يىلى فرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلابىي پارتلىغاندىن كېيىن ئۆزىنى ئىنقىلابقا بېغىشلىغان. شۇ يىلى 9 - ئايدا <خەلق دوستى> گېزىتىنى چىقىرىپ، نۇرغۇن سىياسىي نەزەرىيىۋى ماقالىلەرنى ئېلان قىلىپ، زورلۇق كۈچ بىلەن ئىنقىلاب قىلىشنى تەرغىپ قىلىپ، پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنچىلارنىڭ مۇرەسسەچىلىك ھەرىكىتىنى ئەيىبلىگەن؛ كېيىن نېكىر ۋە لانايىتتىلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ، قوغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان. <خەلق دوستى> گېزىتى نەشىردىن توختىتىلغان. ئىلگىرى - ئاخىر ئىككى قېتىم لوندونغا قېچىپ كەتكەن. پارىژغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن رادىكال ئىنقىلابىي تەدبىرلەرنى قوللىنىشنى تەشەببۇس قىلىپ، 1792 - يىلى 8 - ئاينىڭ 10 - كۈنىدىكى قوزغىلاڭغا قاتناشقان. جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغاندىن كېيىن <خەلق دوستى> گېزىتىنى<فرانسىيە جۇمھۇرىيىتى> گېزىتىگە ئۆزگەرتكەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە مىللىي كېڭەشكە سايلانغان. ژىرونچىلارنىڭ مۇرەسسەچىلىك سىياسىتىگە قارشى تۇرۇپ لۇئى ⅥⅩ غا ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى قەتئىي قۇۋۋەتلەپ ئىنقىلابىي سوت ۋە ئامانلىق ساقلاش ھەيئىتى قۇرۇپ، ئىنقىلابىي دىكتاتۇرا يۈرگۈزۈشنى تەكلىپ قىلغان. 1793 - يىل 5 - ئاينىڭ 31 - كۈنىدىكى ۋە 6 - ئاينىڭ 2 -كۈنىدىكى قوزغىلاڭلارغا رەھبەرلىك قىلىپ ژىروندىچىلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان. 7 - ئاينىڭ 13 - كۈنى ژىروندىچى ۋە ئۇنسۇر شالوت كودەي تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. مەرھۇمنىڭ نۇرغۇن سىياسىي، ئەدەبىي ئەسەرلىرى ۋە ئىلىم - پەنگە دائىر ئەسەرلىرىدىن <مارات ئەسەرلىرىدىن تاللانما> ۋە <مارات خەت - چەكلىرى توپلىمى> نەشىر قىلىنغان.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
马拉〈法〉
mǎ lā 〈fǎ 〉