Uyghurئاساسىي لۇغەت
ماراتا ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
18 - ئەسىردىن 19 - ئەسىرگىچە ئەنگلىيە ھىندىستاندىكى ماراتا دۆلىتىگە ئۈچ قېتىم تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشى قوزغىغان: (1) 1775 - 1782 - يىللىرى. ئەنگلىيە ماراتانىڭ ھۆكۈمرانى نارابان رائونىڭ رەقىبى راگۇنات رائونى قوللىشى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان. ئەنگلىيە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ماراتا بەگلىكى ئىتتىپاقىنىڭ قوشۇنلىرى ئارىسىغا بۆلگۈنچىلىك سېلىپ ۋە ئۇلارنى مەغلۇپ قىلىپ، 1782 - يىلى 5 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تۈزگەن <سالباي شەرتنامىسى>غا ئاساسەن سالسېتتى ئارىلىغا ئىگە بولغان. (2) 1803 - 1805 - يىللىرى. 1802 - يىلى 12 - ئايدا ھۆكۈمران باجى رائو Ⅱ ئەنگلىيە بىلەن <باسىن شەرتنامىسى> ئىمزالاپ، ماراتادىكى ئۈچ چوڭ بەگنىڭ يەنى: خولكار، سىندىيا ۋە بونىسلىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ، يەنە بىر قېتىم ئۇرۇش بولغان. 1803 ـ يىلى 9 - ئاي ۋە 11 - ئايدا ئەنگلىيە ئاسسايېى ۋە ئارگائوندىكى ئىككى قېتىملىق جەڭدە بونىسلىنى مەغلۇپ قىلىپ، 12 - ئايدا دىئوگون <شەرتنامىسىنى> ئىمزالاپ، بونىسلىنى قوغداشنى قوبۇل قىلىشقا، كىتاكنى بۆلۈپ بېرىشكە مەجبور بولغان. شۇ يىلى ئەنگلىيە لاسۋارى جېڭىدە، شىندىيانى مەغلۇپ قىلىپ، 12 - ئايدا ئىككى تەرەپ <سۇرجى - ئانزانگاڭ شەرتنامىسى> نى ئىمزالاپ، سىندىيا گانگ دەرياسى ۋە جۇمنا دەرياسى ئارىلىقىدىكى سۇيۇرغاللىق يېرىنى بۆلۈپ بەرگەن. 1804 - يىلى 11 - ئايدا، ئەنگلىيە دىگدا خولكارنى مەغلۇپ قىلغان، خولكار چامبال دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى بارلىق زېمىنىدىن مەھرۇم بولغان. (3) 1817 - 1818 - يىللىرى. ئەنگلىيەنىڭ ماراتا بەگلىرى قوللىغان <قاراقچى> پىندىيىلىكلەرگە قورشاپ ھۇجۇم قىلىشى بىلەن كېلىپ چىققان جەڭ. 1817 - يىلى 11 - ئايدا، ھۆكۈمران باجى رائو Ⅱ پونادا ئەنگلىيىگە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، ھەرقايسى بەگلىكلەرنىڭ ھەممىسى بۇنىڭغا ئاۋاز قوشقان. لېكىن ئالتە قېتىملىق جەڭدە ئىلگىرى - ئاخىر ئەنگلىيە تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان. 1818 - يىلى 6 - ئايدا، ھۆكۈمران ئەنگلىيىگە تەسلىم بولۇپ، تەختتىن چۈشۈرۈلگەن. شىندىيا ۋە خولكار ئايرىم - ئايرىم ھالدا ناربادا دەرياسىنىڭ شىمالىي ۋە جەنۇبىدىكى زېمىنىنى ئەنگلىيىگە بۆلۈپ بەرگەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ماراتا رايونى ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك ھۆكۈمرانلىقىدا بولۇپ كەلگەن.