Uyghurئاساسىي لۇغەت
مامۇرانچىن
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
جۇڭگو مامۇرانچىننىڭ ئەسلىي ماكانى بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ غەربىي قىسمىدىن ئوتتۇرا قىسمىغىچە، شەرقىي قىسىمدىكى تاغلىق رايونلارغىچە كەڭ تارقالغان. سىچۇەندىن چىقىدىغان مامۇرانچىن مەھسۇلاتى پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىي مەھسۇلاتىنىڭ %80 ىنى ئىگىلەيدىغان بولغاچقا، جۇڭيى تېبابىتى رېتسپلىرىدا «سىچۇەن مامۇرانچىنى» دەپ يېزىش ئادەت بولۇپ قالغان.
مامۇرانچىن ئېيىقتاپان ئائىلىسىگە كىرىدىغان كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئۇ كۆپىنچە ئېگىز تاغ ئورمانلىرىدىكى سايە - نەم جايلاردا ئۆسىدۇ. سېرىق رەڭلىك يەر ئاستى يىلتىزسىمان غولى ئۇزۇن ھەم شاخلانغان بولۇپ، نۇرغۇنلىغان چاچما يىلتىزلار ئۆسۈپ چىقىدۇ. يىلتىزسىمان غولى كۆپ بوغۇملۇق بولۇپ، بوغۇملىرى بىر - بىرىگە زىچ تۇتىشىپ تۇرىدۇ. يوپۇرماق سېپى ئىنچىكە ھەم ئۇزۇن بولۇپ، ئۈچ كىچىك يوپۇرماق بىر مۇرەككەپ يوپۇرماقنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئەتىيازدا ئېچىلغان كىچىك ئاق گۈللىرى گۈل شېخىنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىدا ئۆسىدۇ. ئاتىلىق ۋە ئانىلىق گۈللىرى ئايرىم تۈپتە بولۇپ،3 ~8 تالغىچە گۈلى چەكلىك كۈنلۈكسىمان گۈل رېتىنى شەكىللەندۈرىدۇ.
مامۇرانچىن ئاچچىقلىقى بىلەن داڭق چىقارغان ياخشى دورا. چۈنكى، ئۇنىڭ يىلتىزسىمان غولىدا بىر خىل ئالكالوئىد − بېربېرىن بولىدۇ. بەزىلەر مۇنداق بىر تەجرىبە ئىشلىگەن: يەنى بىر ئۈلۈش بېربېرىنغا250 مىڭ ئۈلۈش سۇ قوشقان، ئاندى ئۇ تولۇق ئېرىپ بولغاندىن كېيىن تېتىپ كۆرگەندە يەنىلا ئاچچىق تېتىغان.
مامۇرانچىننىڭ يىلتىزسىمان غولى دورا قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ تەبىئىتى سوغۇق، تەمى ئاچچىق بولۇپ، قىزىتمىنى قايتۇرۇپ ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، ئىسسىقنى ياندۇرۇپ زەھەر قايتۇرۇش ئۈنۈمىگە ئىگە. جۇڭيى تېبابىتىدە ئۇنىڭ بىلەن ھۆل ئىسسىقتىن بولغان ئىچ سۈرۈش، تولغاق (دېزىنتېرىيە) ۋە قۇسۇش، ئىچكى ئەزالارنىڭ ئىسسىقى ئارتىپ كېتىش، ئىچى تىتىلداپ ئۇخلىيالماسلىق قاتارلىقلارنى داۋالايدۇ.
ھازىرقى زامان تەتقىقاتلىرىدىن ئىسپاتلىنىشىچە، مامۇرانچىن ناھايىتى كەڭ دائىرىلىك مىكروبقا قارشى تۇرۇش رولىغا ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيە ۋە زەنجىرسىمان شارچە باكتېرىيىلىرىگە قارىتا ناھايىتى كۈچلۈك تورمۇزلاش رولى بار ئىكەن. بولۇپمۇ سېرىق ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيىگە قارشى تۇرۇش كۈچى پېنسىلىندىنمۇ كۈچلۈك ئىكەن. ھازىر ئۇنىڭدىن تابلېتكا دورا ۋە ئوكۇل دورىسى ياسىلىپ مىكروبقا (باكتېرىيىگە) قارشى ياللۇغ قايتۇرۇش دورىسى قىلىپ ئىشلىتىلمەكتە.
بىئولوگىيە
ئېيىق تاپان ئائىلىسىگە كىرىدۇ، كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك يىلتىزسىمان غولى سېرىق بولۇپ، ئادەتتە شاخلىنىدۇ. يوپۇرمىقى تۈۋىدە ئۆسىدۇ. يوپۇرماق سېپى ئۇزۇن بولىدۇ، يوپۇرماق ئالىقىنى نېپىز مۇستەھكەم، يوپۇرماق رېتى ئۈچ كىچىك يوپۇرماقتىن تۈزۈلىدۇ، كىچىك يوپۇرماق ئۈچكە يېرىلىدۇ؛ ئوتتۇرىدىكى يېرىقچە يوپۇرماقتا ئىنچىكە ساپ بولىدۇ، تۇخۇمسىمان رومبا شەكىللىك بولۇپ پەيسىمان چوڭقۇر يېرىلىدۇ، گىرۋىكىدە ھەرە چىشى بولىدۇ؛ ياندا ئۆسكەن يېرىقچە يوپۇرماق ئىككىگە تەڭسىز چوڭقۇر يېرىلىدۇ. گۈل شېخى 1 - 2، گۈل رېتىدە 3 - 8 تال گۈل بولىدۇ. گۈلى كىچىك، سارغۇچ يېشىل ياكى ئاق، گۈلتاجى ياپراقچىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھەسەل ئوقۇرى بولىدۇ. مېۋىسى غۇنچىسىمان بولۇپ، ئىنچىكە سېپى بولىدۇ. سىچۇەن، گۇيجۇ، خۇنەن، خۇبېي، جېجياڭ ۋە جياڭشىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا تارقالغان. تاغدىكى ئورمانلىقلارنىڭ تەسكەي نەم جايلىرىدا ئۆسىدۇ. يىلتىزسىمان غولى ئاچچىق بولۇپ ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرۇش، ئىسسىقنى تارقىتىپ زەھەر قايتۇرۇش ۋە ئىششىقنى ياندۇرۇش رولى بار. ئۇنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان باكتېرىيىلىك دىزېنتېررىيىسىنى داۋالاشتا ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولماقتا، ئۇنىڭدىن يەنە سېرىق بوياق ياسىلىدۇ.