Uyghurئاساسىي لۇغەت
مامونت
ھايۋاناتلار دۇنياسى
پىل ھازىرقى زاماندا يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان ئومۇرتقىلىق ھايۋان، شۇنداقلا دۇنيا بويىچە بىرقەدەر ئاز ئۇچرايدىغان ۋە ئۆز ئالدىغا يەككە - يېگانە ياشايدىغان ھايۋانلار تۈركۈمىدۇر. ھازىر دۇنيادا ساقلىنىپ قالغانلىرى پەقەت ئاسىيا پىلى بىلەن ئافرىقا پىلىدىن ئىبارەت ئىككى تۈر توپىلا بولۇپ، ئۇلار ئايرىم - ئايرىم ئاسىيا ۋە ئافرىقىنىڭ تروپىك بەلۋاغ رايونلىرىدا ياشايدۇ. لېكىن، ئۆتمۈشتىكى يىراق مەزگىللەردە پىللارنىڭ تۈرى كۆپ بولۇپ، ئوكيانىيە ۋە جەنۇبىي قۇتۇپتىن باشقا بارلىق چوڭ قۇرۇقلۇقلارغا كەڭ تارقالغانىدى. كېيىن، مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ نەسلى قۇرۇپ كەتكەن.
مامونت نەسلى قۇرۇپ كەتكەن پىللار ئىچىدىكى ئەڭ مەشھۇر بىر تۈر بولۇپ، تېنىنىڭ شەكلى ئاسىيا پىلىدىن ئانچە پەرقلەنمەيتتى، لېكىن ئارقا پۇتى قىسقا بولۇپ، پۈتۈن تەن شەكلى ئارقىغا قىڭغايغانىدى.10 −20 مىڭ يىللار ئىلگىرى ياۋروپا - ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقى ۋە شىمالىي ئامېرىكا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ شىمالىي قىسمىغا تارقالغانىدى. پالېئوبىئولوگىيە ئالىملىرى سىبىرىيىنىڭ مەڭگۈلۈك توڭ تۇپراقلىق يەر قاتلىمىدىن ۋە ئالياسكا يېرىم ئارىلىدىن مامونتنىڭ20 دىن ئارتۇق مۇكەممەل جەسىتىنى قېزىۋالغان، ئۇلار مۇكەممەل ساقلانغان بولۇپ، قان تومۇرلىرىغا قان تولۇپ تۇرغان، قېرىنىدا يېشىل ئوت - چۆپ ۋە دەرەخ شاخلىرى ساقلانغان. مامونت مۇزلۇقلارنىڭ گىرۋىكىدىكى جايلاردا ياشىغان، بۇ ئالاھىدە مۇھىتقا ماسلىشىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ تېنى كىچىكلىگەن، تېرىسى قېلىنلاشقان، پۈتۈن تېنى قويۇق ئۇزۇن يۇڭلار بىلەن قاپلانغان، شۇڭا ئۇ تۈكلۈك مامونت دەپمۇ ئاتالغان. ئۇلارنىڭ مۈرە ۋە دۈمبە قىسمىدىكى تۈكلىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى50 سانتىمېتىر، تېرىسى ئاستىدىكى مېيىنىڭ قېلىنلىقى6 .7 سانتىمېتىر بولۇپ، قاتتىق سوغۇقتىن مۇداپىئەلىنىش رولىغا ئىگە. ئېگىز ھەم يۇمىلاق بېشىنىڭ چوققىسىدا بىر يوغان ئۆسمە بار بولۇپ، ئىچىدە زاپاس ماي ساقلانغان، بېشىنىڭ تۆۋەن تەرىپىدە بىر ئۇزۇن، ئەگرى خارتۇمى بار. ئۇلارنىڭ ئۇتتۇر چىشى (كۈرەك چىشى) ئالاھىدە ئۇزۇن ھەمدە ئىچىگە كۈچلۈك ئېگىلگەن، ئەڭ ئۇزۇنلىرى5 مېتىر كېلىدۇ. مامونتنىڭ ساغرا قىسمى تۆۋەن ئولتۇرۇشقان، قۇيرۇقىدا بىر تۇتام ئۇزۇن تۈكلىرى بار، پۇت بارمىقىنىڭ سانى ھازىرقى زاماندىكى پىلنىڭكىدىن بىرى كەم بولۇپ، ئاران تۆت بارمىقى بار.
مامونت نەسلىنىڭ قۇرۇپ كېتىش سەۋەبى توغرىسىدىكى كۆزقاراش ھازىرغىچە بىرلىككە كەلمىدى.
بىئولوگىيە
قەدىمكى ئېمىتكۈچى ھايۋان بولۇپ، خارتۇملۇقلار ئەترىتىگە تەۋە. <مامونت> دېگەن نام تاتار تىلىدىن ئاھاڭ تەرجىمىسى بويىچە ئېلىنغان بولۇپ، <تۈكلۈك پىل> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ بەدەن سىرتىنى قوڭۇر رەڭلىك ئۇزۇن يۇڭلىرى قاپلاپ تۇرغاچقا شۇنداق ئاتالغان. چوڭلۇقى ھازىرقى پىللارغا ئوخشاپ كېتىدۇ. ئوخشىمايدىغان جايلىرى شۇكى، كۈرەك چىشىنىڭ ئېگىلىشى چوڭراق بولۇپ، ئايلانمىسىمان ھالەتكە كەلگەن؛ دۈمبىسىدىكى تۆگىنىڭ لوكىسىغا ئوخشاش ئۆسۈكچىسى ئوزۇقلۇق ساقلاشقا ئىشلىتىلىدۇ. مامونتلار ئاسىيا، ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ شىمالىي قىسمى ۋە شىمالىي ئامېرىكىنىڭ شىمالىي قىسمىدا، يېڭىلىنىش دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى سوغۇق جايلاردا ياشىغان بولۇپ، سوغۇق بەلباغ ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ شاخ يوپۇرماقلىرى بىلەن ئوزۇقلانغان. ئىنسانلارنىڭ ئادەمسىمان مايمۇنلاردىن قەدىمكى ئىنسانلارغا ئۆتۈش باسقۇچىدا ياشىغان. ياۋروپادا كونا تاش قوراللار دەۋرىدىكى ئىنسانلار ئولتۇراقلاشقان تاغ ئۆڭكۈرلەردىكى تاش تاملاردا مامونت ۋە يۇڭلۇق كەركىدانلارنىڭ سۈرەتلىرى تېپىلغان. ھازىر مامونتلارنىڭ نەسلى قۇرۇپ كەتكەن. سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى سىبىرىيە ھەم ئامېرىكىدىكى ئالياسكىنىڭ توڭ توپا قاتلاملىرىدىن تېرە - گۆشلىرى بولغان مۇكەممەل ئىندىۋىدلىرى تېپىلغان، مەملىكىتىمىزدىكى خېيلوڭجياڭ قاتارلىق جايلاردىن تاشقا ئايلانغان قالدۇقلىرى تېپىلغان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە
زوئولوگىيە
قەدىمكى سۈت ئەمگۈچى ھايۋان. تەن شەكلىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى ھازىرقى پىلغا ئوخشاپ كېتىدۇ. پۈتۈن تېنىدە ئۇزۇن تۈكلىرى بار، كۈرەك چىشلىرى ئۈستىگە ئېگىلگەن. ئۇ سوغۇقق بەلۋاغلاردا ياشىغان 4 - دەۋرنىڭ ھايۋىنى بولۇپ، ئاللىقاچان نەسلى قۇرۇغان، <تۈكلۈك پىل> دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە
بوتانىكا
شەمشاد ئائىلىسىدىكى دائىم يېشىل تۇرىدىغان چوڭ دەرەخ. ئېگىزلىكى 100 مېتىردىن، غولىنىڭ ئايلانمىسى 30 مېتىردىن ئاشىدۇ. 3000 يىلدىن ئارتۇق ئۆمۈر كۆرىدۇ.