Uyghurئاساسىي لۇغەت
مامىڭشىن
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(تەخمىنەن 1719 - 1781)جۇڭگودىكى جەھرىيەنى بەرپا قىلغان ئادەم. يۇرتى گەنسۇدىكى جەجۇ (ھازىر گەنسۇ ۋۇدۇ). خۇيزۇ. بۇ كىشىنىڭ دەسلەپكى چاغلاردىكى دىنىي پائالىيەتلىرى توغرىسىدا يېزىپ قالدۇرۇلغانلىرى ناھايىتى ئاز، رىۋايەتلەر ھەرخىل. كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئائىلىسى نامرات بولۇپ، تاغىسى بىلەن مەككىگە بېرىپ ھەج قىلغاندىن كېيىن، يەمەندە تۇرۇپ قالغاندا، يەمەندىكى ئىبنى دانى زاۋىيەسىنىڭ ئاقساقىلى ئۇنى شاگىرتلىققا قوبۇل قىلغان؛ بەزى تارىخىي كىتابلاردا يېزىلىشىچە، مامىڭشىن قەشقەر، يەكەن ياكى بۇخاراغا بېرىپ بىلىم تەھسىل قىلغان. چەنلۇڭ (1736 - 1795) نىڭ دەسلەپكى چاغلىرىدا بۇرۇنقى سۈلۈك تۈزۈمىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن جەھرىيەنى تەشەببۇس قىلغان. چىڭخەي، گەنسۇ، نىڭشا قاتارلىق جايلاردىكى سالارلار، خۇيزۇلار ئارىسىدا ئۆزىنىڭ تەشەببۇسىنى تەشۋىق قىلغاندا ئۇنىڭغا ئەگىشىدىغانلار كۈنسايىن كۆپەيگەن. دىن يولىدا كۈرەش قىلىشتىن چىڭ سۇلالىسىغا قارشى كۈرەش قىلىشقا تەرەققىي قىلغانلىقتىن، چىڭ سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، لەنجۇدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان.