Uyghurئاساسىي لۇغەت
لېۋىنى چىشلىمەك
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
(1) سەۋر قىلماق، تاقەت قىلماق، چىدىماق: ئاچچىقىڭ كەلسە لېۋىڭنى چىشلە. (2) ئارزۇ - مەقسىتىگە يېتەلمەسلىك، ھەسرەت - نادامەت چەكمەك، نادامەت قىلماق، قاتتىق پۇشايمان قىلماق: قانچە قىلساممۇ ئىلاج بولمىدى. ئاخىر لېۋىمنى چىشلەپ. كۆزۈمنى يۇمۇپ ئۆتكۈزۋېتىشكە مەجبۇر بولدۇم.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سەۋر قىلماق، تاقەت قىلماق، چىدىماق.
ئاچچىقىڭ كەلسە، لېۋىڭنى چىشلە (ماقال).
ئارزۇ، مەقسىتىگە يېتەلمەسلىك، ھەسىرەت - نادامەت چەكمەك، نادامەت قىلماق؛ قاتتىق پۇشايماق قىلماق.
<كىشىنىڭ يېرىگە ئىشلەپ، قالدىم لېۋىمنى چىلشەپ>؛ دېگەن كەبى دەرد - ھەسرەت ئەمدى بىزدىن بەك يىراق.