Uyghurئاساسىي لۇغەت
لېۋاللوس مەدەنىيىتى
دۇنيا تارىخى
ياۋرۇپا كونا تاش قوراللىرى دەۋرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى بىر خىل مەدەنىيەت. ئەڭ دەسلەپ فرانسىيەنىڭ پارىژ ئەتراپىدىكى لېۋاللوستا تېپىلغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. شىمالىي ئافرىقا، ئەنگلىيە، شۋېتسارىيە ۋە فرانسىيەنىڭ شىمالىي قاتارلىق جايلارغا تارالغا ن. تىپىك قالغان نەرسە تاش بازغان بىلەن بىۋاستە ئۇرۇپ چۈشۈرۈلگەن تاش پارچىلىرىدىن ياسالغان تاش قوراللاردىن ئىبارەت.