Uyghurئاساسىي لۇغەت
لېيپسىگ جېڭى
دۇنيا تارىخى
1813 - يىلى كۈزدىكى 6 - قېتىملىق فرانسىيگە قارشى ئىتتىپاق بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ ناپولېئون Ⅰ بىلەن قىلغان چوڭ بىرلەشمە جېڭى. 1812 - يىلى قىشتا ناپولېئون روسىيىگە قىلغان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولغان. 1813 - يىلى ئەتىيازدا 6 - قېتىملىق فرانسىيىگە قارشى ئىتتىپاق تەشكىل قىلىنغان. ئۇرۇش 5 - ئايدا پارتلاپ، 6 - ئايدا توختىتىلىپ، 8 - ئايدا تىنچلىق سۆھبىتى بۇزۇلغان. 8 ـ ئاينىڭ 27 - كۈنى درېسدېن جېڭىدە فرانسىيە قوشۇنلىرى غەلىبە قىلغان. 10 - ئاينىڭ 16 - 19 - كۈنىلىرى ئىككى تەرەپ لېيپسىگ شەھىرى يېنىدا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلغان، ئىككى تەرەپتىن ئۇرۇشقا سېلىنغان ئەسكىرىي كۈچ 500 مىڭدىن ئاشقان، بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ ئادەم سانى فرانسىيىنىڭكىدىن بىر ھەسسىدىن ئارتۇقراق بولغان. ئۇرۇش نەتىجىسىدە فرانسىيە قوشۇنىدىن 65 مىڭ ئادەم، بىرلەشمە ئارمىيىدىن 60 مىڭ ئادەم تالاپەتكە ئۇچرىغان، فرانسىيە قوشۇنى مەغلۇپ بولۇپ، رېين دەرياسى تەرەپكە قاراپ چېكىنگەن. بۇ ناپولېئون قوزغىغان ئۇرۇشلار ئىچىدە كۆلىمى ئەڭ چوڭ بىرلەشمە ئۇرۇش بولۇپ. ناپولېئوننىڭ ھەربىي جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكىنىڭ ئاخىرقى ھېسابتا بەربات بولغانلىقىنىڭ بەلگىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.