Uyghurئاساسىي لۇغەت
لېيشمانىيە
بىئولوگىيە
قىلئاياغلىقلار سىنىپىنىڭ ترىپانوزوما ئائىلىسىگە كىرىدۇ. ئىنتايىن كىچىك بىر خىل پارازىت ھايات كەچۈرىدىغان قىلئاياغلىق قۇرت. ئەنگلىيىلىك دوختۇر لېيشمان (1865 - 1926) نىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. ھايات تارىخى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئوخشىمىغان ئىككى خوجايىندىن - ئومۇرتقىسىز ھايۋانلار ۋە ئومۇرتقىلىق ھايۋانلاردىن ئۆتكەندىن كېيىنلا ئاندىن تاماملىنىدۇ. تەن شەكلى يېتىلىش باسقۇچىغا قاراپ پەرقلىنىپ بارىدۇ. ئۇ ئومۇرتقىسىز ھايۋانلارنىڭ تېنىدىكى ۋاقتىدا مۇكا شەكلىدە بولۇپ، مەركىزىدە بىر يادروسى، يادروسى ئالدىدا بىر باسال تەنچىسى، باسال تەنچىدىن ئۇزىراپ چىققان بىر تال قىلئايىغى بولىدۇ. بۇ مەزگىلدە <تامچا تەنچە> دەپ ئاتىلىدۇ. ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار تېنىدىكى ۋاقتىدا يۇمىلاق ياكى ئېللىپس شەكىللىك كىچىك تەنچىگە ئايلىنىدۇ، يادروسى ناھايىتى چوڭ، قىلئايىغى يوقىلىدۇ، بۇ چاغدا <لېيشمان - دونوۋان تەنچە> دەپ ئاتىلدىۇ. ئادەم بەدىنىدە پارازىتلىنىدىغان لېيشمانىيە قۇرتلىرىدىن لېيشمان دونوۋان قۇرتى (L.donovani)، تروپىك لېيشمانىيە قۇرتى (L.tropica) ۋە برازلىيە لېيشمان قۇرتى (L.braziliensis) قاتارلىق ئۈچ تۈرى بار. مەملىكىتىمىزدە تارقالغىنى دونوۋانى لېيشمانىيە قۇرتى بولۇپ، قارا بەزگەك (كالا ئازار) كېسىلىنىڭ كېسەل قوزغاتقۇچىسى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا قارا بەزگەك پروتوزىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، قان شورىغۇچى ھاشاراتلاردىن كۇمۇتا پاشىسىنى تارقىلىش ۋاسىتىچىسى قىلىدۇ. ئۇنىڭ <تامچە تەنچە> باسقۇچى كۇمۇتا تېنىدە پارازىتلىق بىلەن ئۆتىدۇ، كۇمۇتا ئادەمنى چاققاندا پروتوزىلار ئادەم بەدىنىگە ئۆتۈپ ئادەمنىڭ جىگەر، تال، يىلىك، لىمفا بەزلىرى قاتارلىق ئەزالىرىنىڭ تورسىمان ئېندوتېلىيە ھۈجەيرىسىدە يېتىلىپ لېيشمان - دونوۋان تەنچىگە ئايلىنىدۇ، ھەمدە ئۈزلۈكسىز كۆپىيىپ تورسىمان ئېندوتېلىيە ھۈجەيرىسىنى بۇزىدۇ، مۇشۇنداق تەكرار ئايلىنىپ توختىماسلىق نەتىجىسىدە ئېغىر كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.