Uyghurئاساسىي لۇغەت
لۇزاننا يىغىنى
دۇنيا تارىخى
1922 - يىل 11 - ئاينىڭ 20 - كۈنىدىن 1923 - يىل 7 - ئاينىڭ 24 - كۈنىگىچە ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە، گرېتسىيە، رومىنىيە، يۇگوسلاۋىيە قاتارلىق ئانتانتا دۆلەتلىرىنىڭ ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغۇچى دۆلەت تۈركىيە بىلەن شۋېتسارىيىنىڭ پايتەختى لۇزاننادا ئۆتكۈزگەن يىغىن. بۇ يىغىن ئەنگلىيە بىلەن گرېتسىيەنىڭ تۈركىيىگە قىلغان قوراللىق مۇداخىلىسى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، گرېتسىيە - تۈركىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئاساسەن، <سېۋر شەرتنامىسى> غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ۋە ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش يۈزىسىدىن چاقىرىلغانق. يىغىندا <ئانتانتا ۋە ئۇرۇشقا قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ تۈركىيىگە قارىتا سۈلھ شەرتنامىسى>، <ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئىتالىيە قوشۇنلىرىنىڭ تۈركىيىدىكى ئىشغال قىلىۋالغان رايونلاردىن چېكىنىپ چىقىشى ھەققىدىكى كېلىشىم> قاتارلىق ئون نەچچە پارچە ھۆججەت ئىمزالانغان. <لۇزاننا شەرتنامىسى> غا قارالسۇن.