Uyghurئاساسىي لۇغەت
لۇدۋىگ
دۇنيا تارىخى
(1881 - 1948). گېرمانىيىلىك يازغۇچى. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە مۇخبىر بولغان. شۋېتسارىيىدە ئۇزۇن مۇددەت تۇرغانق. ئۇنىڭ <گيوتې>، <رېمبىراندنىڭ تەقدىرى>، <ۋېلھېلم Ⅱ>، <لىنكولىن> قاتارلىق رومان ۋە تەرجىمىھال ئەسەرلىرى بولۇپ، ئىدېئالىستىك نۇقتىئىنەزەر ئارقىلىق شەخسنىڭ تارىخ ۋە مىللەتنىڭ تەقدىرىدىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى تەرغىپ قىلغان. يەنە <سەنئەتكار>، <تالانت ۋە پەزىلەت>، <سەنئەت ۋە تەقدىر> قاتارلىق ماقالىلەر توپلىمى بولۇپ، سەنئەتنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى ۋە رولىنى بايان قىلغان.