Uyghurئاساسىي لۇغەت
لۇسىچ
دۇنيا تارىخى
(1604 - 1679) يۇگوسلاۋىيىلىك تارىخشۇناس. رىم ۋە پادوۋادا تەربىيە ئېلىپ قانۇن پەنلىرى دوكتۇرى بولغان. كرودىيە ۋە دالماتسىيىنىڭ ھەممە ئارخىپلىرى رەتلەپ، كۆپلىگەن تارىخىي ماتېرىياللارنى يىغقان. يۇگوسلاۋىيە تارىخشۇناسلىقىدا بىرىنچى بولۇپ ئارخىپ ماتېرىياللىرىغا قارىتا ئىلمىي تەنقىد ئۇسۇلىنى قوللانغان. <دالماتسىيە ۋە كرودىيە پادىشاھلىقى>، <تروگىر شەھىرىنىڭ تارىخىي بەلگىلىرى توغرىسىدا> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. لېكىن بۇلارنىڭ پەقەت قول يازمىسىلا بولۇپ، ھېچقايسىسى نەشىر قىلىنمىغان.