Uyghurئاساسىي لۇغەت
لۇنېۋىل شەرتنامىسى
دۇنيا تارىخى
1801 - يىلى فرانسىيە بىلەن ئاۋسترىيە لۇنېۋىلدا ئىمزالىغان سۈلھ شەرتنامە. ئىجرائىي ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندىن كېيىن، ناپولېئون روسىيە بىلەن ئاۋسترىيە ۋە ئەنگلىيەنىڭ زىددىيىتىدىن پايدىلىنىپ، ئىككىنچى قېتىملىق فرانسىيىگە قارشى ئىتتىپاقنىڭ ئاساسىي كۈچى - ئاۋسترىيە ئارمىيىسگە مەركەزلىك زەربە بەرگەن. 1800 - يىل 6 - ئاينىڭ 14 - كۈنى ناپولېئون مارېنگودا (ئىتالىيەنىڭ شىمالىدا) ئاۋسترىيە ئارمىيىسىنى تارمار قىلغان. 12 - ئاينىڭ 2 - كۈنى مورو باشچىلىقىدىكى فرانسىيە ئارمىيىسى يەنە خوخېنلىندىن (جەنۇبىي گېرمانىيە)دا ئاۋسترىيە ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلغان، ئاۋسترىيە سۈلھ تەلەپ قىلىشقا مەجبور بولۇپ، ئىككىنچى يىلى 2 - ئاينىڭ 9 - كۈنى جوسېف بوناپارت فرانسىيىگە، كوبېنزول (1753 - 1809) ئاۋسترىيىگە ۋەكىللىك قىلىپ، فرانسىيەنىڭ لۇنېۋىل دېگەن يېرىدە سۈلھ شەرتنامە ئىمزالىغان. سۈلھ شەرتنامىدە 1797 - يىلدىكى <كامپوفورمىئو سۈلھ شەرتنامىسى> مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ، بېلگىيە ۋە رېين دەرياسىنىڭ سول قىرغىقى فرانسىيە زېمىنى بولىدىغانلىقى قايتا تەكىتلىنىپ، فرانسىيەنىڭ بېقىندى دۆلەتلىرى - سىسالپىن، لىگۇرىيە، ھېلۋېتىس، باتاۋىيە قاتارلىق جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ <مۇستەقىل> بولغانلىقى ئېتىراپ قىلىنغان. بۇ شەرتنامە ئىككىنچى قېتىملىق فرانسىيگە قارشى ئىتتىپاقنىڭ يىمىرىلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.