Uyghurئاساسىي لۇغەت
لۇندا پادىشاھلىقى
دۇنيا تارىخى
ئوتتۇرا ئافرىقىدىكى لۇندالار قۇرغان دۆلەت. 16 - ئەسىردە كاتانكىنى مەركەز قىلغان ھالدا قۇرۇلغان. 17 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن 18 - ئەسىرگىچە، ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان رايونى ھازىرقى زايىرنىڭ جەنۇبىي قىسمى، زامبىنىڭ غەربىي شىمالىي قىسمى ۋە ئانگولانىڭ شەرقىي قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. 19 - ئەسىردە زاۋالغا يۈز تۇتۇشقا باشلىغان. 1909 - يىلى بېلگىيە تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان.