Uyghurئاساسىي لۇغەت
لوقما سالماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىراۋنىڭ قىلىۋاتقان سۆزىگە سۆز قىستۇرماق، ئورۇنسىز ئارىلاشماق.
كىشىنىڭ سۆزىگە ئورۇنسىز لوقما سېلىش ياخشى ئادەت ئەمەس. چوڭ كىشىلەر سۆزلەۋاتقاندا، ئېغىز غېرىچلاشتىن ساقلان. خەقنىڭ گېپىگە قوشۇق سالغان گېپىنى تاپالمايدۇ، خاتاسىنى ياپالمايدۇ.
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
بىراۋ سۆزلەۋاتقاندا، ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلۈپ سۆز قىلماق؛ باشقىلار سۆزلەۋاتقاندا، ئۇنىڭ سۆزىگە سۆز قىستۇرماق: سىيىت ھاجى ئادەتنى بۇزۇپ، سۆزىگە لوقما سالغان شېرىكىگە قاراپ ھومىيىپ قويدى.