Uyghurئاساسىي لۇغەت
لوك
يۈز مەشھۇر شەخىس
1632 - 1704
لوك - دېموكراتىك ئاساسىي قانۇنلۇق ئىدىيىنىڭ ئاساسىي مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى مۇجەسسەملىگەن تۇنجى پەيلاسوپ، ئۇنىڭ ئىدىيىسى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت قۇرغۇچىسىغا تەسىر كۆرسەتكەن. شۇنداقلا 18 - ئەسىردىكى فرانسىيە پەلسەپە ئاقارتىش ھەرىكىتى جەريانىدىكى نۇرغۇن پەيلاسوپلارغا تەسىر كۆرسەتكەن.
لوك لانگېدون دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان. ئوكسفورد داشۆسىدە ئوقۇغان، ياش مەزگىلىدە ئىلىم - پەنگە ئىنتايىن قىزىقاتتى. 36 يېشىدا خان جەمەتى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئازادلىقىغا تاللانغان. نيۇتون بىلەن ياخشى دوستلاردىن ئىدى.
ئەركىن سىياسىي ئىدىيىگە قاتتىق ئېتىقاد قىلىدىغان ۋە ئۇنى ھىمايە قىلدىغان شافزبېر بىلەن تونۇشۇش لوكنىڭ ھاياتىدا بىر بۇرۇلۇش بولدى. شافزبېر ئەركىن ئىدىيىنى ھىمايە قىلغانلىقى ۋە ئەركىن سىياسىي ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئۈچۈن چارلىز Ⅱ تەرىپىدىن تۈرمىگە تاشلىنىدۇ. ئۇ گوللاندىيىگە قېچىپ كېتىدۇ، لوك ئارقىدىنلا يېتىپ بارىدۇ.
لوكنىڭ شۆھرىتىنى يايغان ئەسەر ئۇنىڭ <ئىنسانىيەتنى چۈشىنىش توغرىسدا> دېگەن ئەسىرىدۇر. لوك ئۆزىنىڭ بۇ كىتابىدا ئىنسان بىلىمىنىڭ كېلىش مەنبەسى، خاراكتېرى ۋە چەك چېگرىنى شەرھىلىگەن. لوكنىڭ نەزەرىيىسى ساپ تەجرىبىلىك، بېكون بىلەن دېكارتنىڭ ئۇنىڭغا كۆرسەتكەن تەسىرىنى كۆرۈۋالماق تەس ئەمەس. لوكنىڭ ئىديىسى كېيىنكى نۇرغۇن مۇتەپەككۇرلارغا مەسىلەن، بېرىكلى، يوم، كانتلارغا تەسىر كۆرسەتكەن. لوكنىڭ <ئىنسانىيەتنى چۈشىنىش توغرىسىدا> دېگەن كىتابى ئۇنىڭ باشقا ئەسەرلىرىدىن توغرا ھەم ئەڭ مۇھىم پەلسەپىۋى كلاسسىك ئەسەرلىرىنىڭ بىرى بولسىمۇ، ۋەھالەنكى، ئۇنىڭ سىياسىي ئەسەرلىرىنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىدا ئانچە مۇھىم رولى بولمىغان. لوك ئۆزىنىڭ <كەڭ قۇرساقلىق قىلىش توغرىسىدا خەت - چەكلەر> دېگەن كىتابىدا دۆلەت دىنىي مۇراسىملارغا ئارىلاشماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن؛ لوكنىڭ بۇنداق ئىدىيىنى كەينى - كەينىدىن ئوتتۇرىغا قويۇشى، بۇ خىل ئىدىيىنى ھىمايە قىلىدىغان جامائەت پىكرىنىڭ ئەۋج ئېلىشىغا سەۋەبچى بولغان. لوك دىنىي كەڭ قارساقلىق قىلىش ئىدىيىسىنى كېڭەيتتى. بۇ غەيرىي خرىستىئان مۇرىتلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئۇ: <مەيلى كۆپ ئىلاھلىق دىن مۇرىتلىرى، مۇسۇلمان ياكى يەھۇدىي دىنىي مۇرىتلىرى بولسۇن، ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى سەۋەبىدىن پۇقرالىق ھوقۇقىنى تارتىۋالماسلىق كېرەك>دېگەن. بىراق، ئۇ كاتولىك دىنى مۇرىتلىرىنى بۇنىڭدىن مۇستەسنا قىلغان، بۇنىڭ سەۋەبى ئۇلار چەت ئەل ھۆكۈمرانى (پاپا)غا سادىقمەنلىك قىلغان، ئوخشاشلا دىنغا خائىنلىق قىلغانلارنىمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا قىلغان.
لوكنىڭ بۇ كىتابى سەۋەبىدىن، دىنىي كەڭ قۇرساقلىق لوك مۇستەسنا قىلىۋەتكەن دىن گۇرۇھلىرىغا سىڭىپ كىرگەن.
لوك 1689 - يىلى ئېلان قىلغان <ھۆكۈمەتكە ئائىت ئىككى پارچە ماقالە> بۇرۇنقى ئەسەرلىرىگە ئوخشاشلا مۇھىملىققا ۋە شۆھرەتكە ئىگە. ئۇ بۇ ئىككى پارچە ماقالىسىدە ئەركىن دېموكراتىك قانۇن ئىدىيىسى ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان مۇھىم ئىدىيىنى ئاشكارىلاپ بەرگەن. بۇ خىل ئىدىيىنىڭ تەسىرى ئۇلۇغ ھەم چوڭقۇر بولغان. لوك ھەر بىر ئادەمنىڭ مۇقەررەر ھوقۇقى بولىدۇ، پەقەت ياشاش ھوقۇقىنىلا ئۆز ئىچىگە ئېلىپ قالماستىن، ئۇ يەنە كىشىلىك ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك مال - مۈلۈك ئەركىنلىكىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ دېگەننى جاكارلىغان. ئۇ دۆلەتنىڭ مەسئۇلىيىتى پۇقرانىڭ جىسمانىي ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغداش دېگەننى تەكىتلىگەن.
لوك مۇنارخيلىك ھوقۇقنى ئىلاھ ئاتا قىلغان (بۇ ئەينى ۋاقىتتا ياۋرۇپادا ئېقىپ يۈرگەن قاراش ئىدى) دېگەن ئىدىيىنى رەت قىلىپ، ھۆكۈمەت ئابرويى شۇ ھۆكۈمەت ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان خەلقنىڭ ھىمايە قىلىشىدىن كېلىدۇ دېگەننى جاكارلىدى.
لوك ھوقۇقنى ئايرىش پرىنسىپىغا ئىشىنەتتى. ئۇ قانۇن تۇرغۇزۇش ھوقۇقى مەمۇرىي ھوقۇق ۋە ئەدلىيە ھوقۇقىدىن ئۈستۈن تۇرۇشى كېرەك دەپ قارايتتى. ئۇ ئەدلىيە ھوقۇقىنى مەمۇرىي ھوقۇقنىڭ بىر قىسمى دەپ ھېسابلايتتى. شۇڭلاشقا لوك سوتقا قانۇن چىقىرىش، قانۇنغا قارشى تۇرۇش ھوقۇقىنى بېرىشكە قارشى ئىدى. سوتنىڭ قانۇن چىقىرىش قانۇنىنى ئاساسىي قانۇندىن مۇستەسنا بولغان قانۇن دەپ قارىشىغا رۇخسەت قىلمايتتى.
لوكنىڭ 100 يىلدىن كېيىن پارتىلىغان ئامېرىكا ئىنقىلابىغا كۆرسەتكەن تەسىرى ناھايىتى ئېنىق، ئۇ جېففېرسون ۋە فرانسىيە ئىنقىلابىدىن ئاۋۋالقى فرانسىيە مۇتەپەككۇرلىرىغا تەسىر كۆرسەتكەن، شۇ ئارقىلىق ۋاستىلىك ھالدا فرانسىيە ئىنقىلابىنىڭ شىددەتلىك ئوتىنى تۇتاشتۇرغان.
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
يوغان، گەۋدىلىك، قوپال.
ئېغىر؛ « لۇك» قا قاراڭ.
تۆگە.
شىۋىلەر
خوتەن شىۋىسى
ياغاچ قۇلۇپنىڭ تۇمشۇغى.
دۇنيا تارىخى
(1632 - 1704) ئەنگلىيەلىك پەيلاسوپ. دەسلەپكى يىللىرى ئوكسىفورد داشۆسىدە ۋە تىبابەت ئۆگەنگەن. 1660 - يىلىدىن تارتىپ، ئوكسىفوردتا گرېك تىلى، ستىلىستىكا ۋە پەلسەپىدىن دەرس ئۆتكەن. 1667 - يىلىدىن كېيىن، بىر مەھەل سىياسىي پائالىيەتلەرگە قاتناشقان ھەمدە چەت ئەلدە سەرگەردان بولۇپ تۇرغان. شەرەپلىك ئىنقىلابتىن كېيىن ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن. 1691 - يىلى سىياسىي ساھەدىن پۈتۈنلەي چېكىنىپ چىقىپ، تەتقىقات ۋە يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. پەلسەپىدە، باكون ۋە ھوببېسنىڭ تەلىماتىغا ۋارىسلىق قىلىپ، بىلىمنىڭ مەنبەسى تۇيغۇ دېگەن نۇقتىئىنەزەرنى ئىسپاتلاپ، ئەنگلىيە ماتېرىيالسىتىك تەجرىبىچىلىك نەزەرىيىسىگە ئاساس سالغۇچى بولۇپ قالغان. تۇغما تالانت نۇقتىئىنەزىرىگە قارشى چىقىپ، ئادەمنىڭ كۆڭلى بىر ۋاراق ئاق قەغەزگە ئوخشايدۇ، ئادەم دۇنياغا كەلگەندىن كېيىن ئىگە بولغان تەجرىبىسى بىلىشنىڭ مەنبەسى بولىدۇ دەپ ھېسابلىغان. سىياسىي جەھەتتە، پادىشاھلىق ھاكىمىيەتنى ئىلاھ ئاتا قىلغان دېگەن تەلىماتقا قارشى تۇرۇپ، ھوقۇقنى ئايرىش نۇقىتئىنەزەرىنى ئوتتۇرغا قويغان. قانۇن تۈزۈش، مەمۇرىي ھاكىمىيەت ۋە ئىتتىپاقتىن ئىبارەت ئۈچ خىل ھوقۇقنى ئايرىشنى تەشەببۇس قىلغان. پارلامېنتلىق تۈزۈمنى ھىمايە قىلىپ، ھۆرلۈك ۋە كەڭچىلىكنى تەشەببۇس قىلغان. ئەمما دۆلەتنىڭ ۋەزىپىسى خۇسۇسىي مۈلۈكنى قوغداش دەپ تەكىتلىگەن. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن: <ھاكىمىيەت توغرىسىدا>، <مائارىپ ھەققىدە>، <ئىنسانلارنىڭ چۈشىنىش ئىقتىدارى توغرىسىدا> قاتارلىقلار بار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
ياغاچ قۇلۇپنىڭ تىلى.
تاقاقنىڭ ئۇچى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
تەقلىد
تۆگە ماڭغاندا، بولۇپمۇ تېز يۈرگەن چاغدىكى لوككىسىنىڭ ھەربىر سىلكىنگەن قوپال ھالىتى.
تۆگە يۈگۈرگەندە ئۇنىڭ لوككىسى لوك، لوك قىلىدۇ.
بەزى ئادەملەر ئىتتىكرەك ماڭغان ياكى ئاستىراق يۈگۈرگەندىكى قوپال ھەرىكەت ھالىتى.