Uyghurئاساسىي لۇغەت
لوقما
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
بىراۋ سۆزلەۋاتقاندا، ئوقۇۋاتقاندا ئۇنىڭ سۆزى ۋە ئوقۇشى تۈگىمەي تۇرۇپ باشقىلار تەرىپىدىن قىستۇرۇلىدىغان سۆز، جۈملە.
لوقما سالماق. * ئۇ قىرائەت قىلىۋاتقاندا يەنە بىر قارىم بىر يەرگە لوقما سالدى. * جىم تۇر، لوقما سالما.
ئاھاڭداش سۆزلەر
مىقدار سۆز.
بىر ئوتلام، بىر چاينام، بىر كاپام.
بىر لوقما ئاشنىڭ گادىيى بولۇپ يۈرىمەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئېغىزغا بىر قېتىمدىلا سىغىدىغان يېمەك پارچىسى؛ بىر چاينام. بىر كاپام.
بىر لوقما گۆش.
كىشنىڭ ئېغىزىغا سالغان لوقمىسىغا كۆز سالما. كىشىنىڭ قولىدىكى لوقمىسىغا قاراش ناھايىتى چوڭ ئەيىبتۇر.
كۆچمە. سۆزلەۋاتقان كىشىنىڭ سۆزى ئاياغلاشماي تۇرۇپ باشقىلار تەرىپىدىن قىستۇرۇلغان سۆز.
- باۋۇدۇن ئاكا، راستىنى ئېيتسام، - دەپ تاغىسىنىڭ گېپىگە لوقما سالدى ئابدۇغېنى.