Uyghurئاساسىي لۇغەت
لىڭمىڭ خانىقاسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
جۇڭگودىكى تەسەۋۋۇپچى قادىرىيە تارماقلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇنى لەنجۇدىكى نامرات ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن مايىلۇڭ، تەخەللۇسى لىڭمىن (1853 - 1925، خۇيزۇ) قۇرغان. بۇ خانىقا قۇرغۇچىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. مايىلۇڭ كىچىكىدىن دىنىي بىلىم ئۆگىنىشكە قىزىقىپ ئەرەبچە ۋە خەنزۇچىنى پۇختا ئىگىلىگەن. 1878 - يىلى 25 ياشقا كىرگەندە لەنجۇ، گۇاڭىې قاتارلىق جايلاردا نەقىشبەندىيە، قادىرىيە، خۇفىيە قاتارلىق پىرقە - سۈلۈكلەرنىڭ ئىدىيىسىنى ئۆگەنگەن. لېكىن، ئۇنىڭ ھاياتىدىكى سۆز - ھەرىكەتلىرىدىن قارىغاندا، قادىرىيەگە كۆپرەك كۆڭۈل بۆلگەن. ئۇ تەلىم ئالغاندىن كېيىن، پۈتۈن زېھنى بىلەن ئىستىقامەت قىلىپ، نامراتلىق ئىچىدە پاك ئۆتكەن. تىلەمچىلىك بىلەن تىرىكچىلىك قىلغان. كېيىن، كىشىلەر لەنجۇدىكى يۈي شيۈندىن يەر ئېلىپ ئۇنىڭغا شىداۋتاڭ خانىقاسىنى سېلىپ بەرگەن. بۇ يەردە ئۇ ھەمراھىلىرى بىلەن بىرلىكتە نۇرغۇن كىشىلەرگە ۋەز ئېيتقان. ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن، كىشىلەر ئۇنى يادلاپ تۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئاتاپ مازار سالغان. ئۇنىڭ شاگىرتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى تەقۋادار ئىستىقامەتچىلەر بولغان، بەزىلىرى باشقا جايلاردا دىننى تەرغىب قىلغان. ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن، بۇ خانىغانىڭ تەۋەسى دۇڭتاڭ خانىقاسى، شىتاڭ خانىقاسى <قۇرئان كەرىم> ۋە ھەدىسنى دىنىي تەرغىباتنىڭ ئاساسى قىلغاندىن باشقا، تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەرنى چىقارغان: (1) دىنىي تەرغىباتنى ئۆتكۈزۈۋالغان ئادەم ئۆيلىنىشكە بولمايدۇ (ئۆيلەنگەن بولسا ئاجرىشىپ كېتىشى كېرەك). (2) نەپسىنى يىغىپ پاك ئۆتۈشى، بېرىلىپ ئىستىقامەت قىلىشى كېرەك. (3) ئىستىقامەت ۋە زىكرى ئۇسۇلى مەخپىي بولۇپ، باشقىلارغا بىلدۈرمەسلىك لازىم. ئىستىقامەت ۋاقتى 40 كۈن بولىدۇ. كۆپ بولغاندا 120 كۈن بولسا بولىدۇ. بۇ خانىقانىڭ ئادەملىرى ئاساسلىقى گەنسۇدىكى لەنجۇ، گۇاڭخې، نىڭشادىكى گۇيۈەن ۋە شىنجاڭدىكى ئۈرۈمچى، قۇمۇل قاتارلىق جايلارغا تارقالغان.