Uyghurئاساسىي لۇغەت
لىگودىئۇم پاپورتنىكى
بىئولوگىيە
لىگودىئۇم پاپوروتنىكى ئائىلىسىگە كىرىدۇ. ئۆسۈملۈك تۈپى يامىشىپ ياشايدۇ. يىلتىز غولى يەر ئاستىدا توغرىسىغا ئۆسىدۇ ۋە يوپۇرماق ئوقى چەكسىز ئۆسىدۇ، يۆگىشىپ ياشايدۇ. يوپۇرمىقىنىڭ كۆپىنچىسى غولىدىكى قىسقا شاخنىڭ ئىككى يېنىدا ئۇدۇل ئۆسىدۇ. يوپۇرمىقى ئىككى خىل تىپلىق بولۇپ، قەغەزسىمان بولىدۇ. يوپۇرماق ئوقى بىلەن پەيسىمان يوپۇرماق ئوقىنى تۇتاشتۇرىدىغان ئورۇندا شالاڭ قىسقا تۈك بولىدۇ؛ يېتىلمەيدىغان يوپۇرمىقىنىڭ ئۇچى ئۈچ بۇلۇڭ شەكىللىك بولۇپ، ئىككى قايتىلانغان پەيسىمان بولىدۇ، كىچىك پەيسىمان يوپۇرمىقى ئالىقانسىمان ياكى ئۈچ يېرىق بولىدۇ، گىرۋىكىدە رەتسىز، تىرەن ئۇچسىز چىشى بولىدۇ، يېتىلىدىغان يوپۇرمىقى تۇخۇمسىمان ئۈچ بۇلۇڭ شەكىللىك بولۇپ، كىچىك پەي يوپۇرمىقىنىڭ گىرۋىكىدە پۆپۈكسىمان سپورا خالتا باشىقى ئۆسىدۇ، تىزىلىشى شالاڭ، قارامتۇل قوڭۇر بولىدۇ. جۇڭگونىڭ مۆتىدىل ۋە ئاسىيانىڭ ئىسسىق بەلباغ رايونلىرىغا؛ شىمالدىن جياڭشى ۋە خېنەننىڭ جەنۇبىغىچە، غەربتىن سىچۇەن، يۈننەن ۋە گۇيجۇغىچە تارقالغان؛ چاۋشيەن، ياپونىيە، ئاۋسترالىيە قاتارلىق جايلاردىمۇ ئۆسىدۇ. يول ياقىسى ياكى تاغلارنىڭ سۇلۇق جايلىرىدىمۇ ئۆسىدۇ. پۈتۈن ئۆسۈملۈك تۈپى دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. ھۆل ئىسسىقنى ھەيدەپ، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرىدۇ، يېڭى يوپۇرمىقىنى چاناپ قىيامى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ كۆيۈپ قالغان ئورۇن داۋالىنىدۇ. سپورىسى سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرغۇچى دورا ھەمدە داۋالاش ۋە دورىگەرلىكتە چاچىدىغان دورا ۋە كۇمىلاچ دورا قېپى قىلىنىدۇ، غول ۋە يوپۇرماقلىرىنى چاناپ سۇغا چىلاش ئارقىلىق، كېۋەز پىتى، قىزىل ئۆمۈچۈك قاتارلىقلارنى يوقاتقىلى بولىدۇ.