Uyghurئاساسىي لۇغەت
كۈننى ئېتەك بىلەن ياپقىلى بولماس
دائىرە: ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەربۇ، ھىيلە - مىكىر، ساختىلىق بىلەن پاكىتنى بۇزمىلىغىلى، ھەقىقەتنى يوشۇرۇپ قالغىلى بولمايدۇ، دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ: ئۇلارنىڭ ھەر خىل ۋەھشىيلىك ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ، بورتالانى قاتتىق قامال قىلغان بولسىمۇ، كۈننى ئېتەك بىلەن ياپقىلى بولمىغاندەك، خەلقنىڭ ئىنقىلابىي ھەرىكەتلىرىنى توسۇپ قالالمىدى.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.