Uyghurئاساسىي لۇغەت
كۈننىڭ سېرىقىنى كۆرمەك
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئۆمۈر سۈرمەك، تىرىكچىلىك قىلماق.
ئۆلمەك
ياشاشتىن توختىماق، ھاياتلىق پائالىيىتى تۈگىمەك، جاندىن جۇدا بولماق.
قەدەھتە ئۆلگەنلەر دېڭىزدا ئۆلگەنلەردىن جىق. يىغلاپ يۈرۈپ ياشىغۇچە، ناخشا ئېيتىپ ئۆلگەن ياخشى. يېيىش ئۈچۈن ياشىماي، ياشاش ئۈچۈن يە. ئۆلمەك ئاسان، ياشىماق تەس. تەقدىرگە تايىنىپ ياشىماي، تەدبىرگە تايىنىپ ياشا. بۆرىنىڭ ئۆلگىنى - قوينىڭ كۈن كۆرگىنى. بىرى ئۆلمىگۈچە بىرى كۈن كۆرمەس. كۈننىڭ سېرىقىنى كۆرەي دېسەڭ، ئىشلە. توشقاندەك يۈز يىل ياشىغۇچە، يولۋاستەك بىر يىل ياشا.
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
ياشىماق، تۇرمۇش كەچۈرمەك، تىرىكچىلىك قىلماق، جان باقماق: - ھەي بوۋاي، بۇ خىيالىڭدىن ۋاز كەچكىن، بىر كۈن بولسىمۇ كۈننىڭ سېرىقىنى كۆرگىنىڭ غەنىيمەت، - دەپتۇ كېنىزەكلەر.