Uyghurئاساسىي لۇغەت
كرۇس
دۇنيا تارىخى
(1651 - 1695) مېكسىكىلىق شائىر، گۇمانىست. كىچىك پومېشچىك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 14 يېشىدىن تارتىپ يېڭى ئىسپانىيە باش ۋالىيسى ئوردىسىدا ئايال خىزمەتكار بولۇپ ئىشلىگەن. ئوردا تۇرمۇشىدىن بىزار بولۇپ، 16 يېشىدا موناستىرغا كىرىپ ئايال موناخ بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئاساسەن ئەدەبىي ئىجادىيەت ۋە ئىلىم - پەن تەتقىقات ئشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن. ئۇنىڭ <فىلوتىيە دې لاكرۇسنىڭ خېتىگە جاۋاپ> ناملىق ئەسىرى، <كاستېرىدا تاشقىنى> ناملىق شېئىرلار توپلىمى بار. كومىدىيە ئەسەرلىرىدىن: <ئائىلنىڭ مەسئۇلىيىتى> ۋە <مۇھەببەت - سىرلىق ئوردا> قاتارلىقلار بار. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى فېئوداللىققا، چېركاۋلارغا قارشى بولغان - گۇمانىزملىق تۈسكە ئىگە.