Uyghurئاساسىي لۇغەت
كرىپپىس تەكشۈرۈش ئۆمىكى
دۇنيا تارىخى
ئەنگلىيە ھىندىستاندىكى مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمراانلىقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ھىندىستانغا ئەۋەتكەن <ئاساسىي قانۇن ئىسلاھاتى> تەكشۈرۈش ئۆمىكى. ئەنگلىيەنىڭ ئۇرۇش مەزگىلىدىكى كابېنت ئەزاسى كرىپپىس (1889 - 1952) باشچىلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. 1942 - يىلى 3 - ئايدا كرىپپىس ھىندىستانغا كەلگەن ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ ئۇرۇش مەزگىلىدىكى كابېنت يېزىپ چىققان ھىندىستان مەسىلىسى توغرىسىدىكى خىتابنامە لايىھىسىنى ئېلىپ كەلگەن. بۇ لايىھە <1942 - يىلى خىتابنامىسى> ياكى <كرىپپىس پىلانى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. لايىھىنىڭ ئاساسىي مەزمونى مۇنۇلار: (1) دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى تەدبىر قوللىنىپ، ھىندىستان ئىتتپاقىنى قۇرۇپ چىقىش ھەمدە دومىنئونلۇق ئورۇن بېرىش (2) ئاساسىي قانۇن تۈزۈپ چىقىش ئورگىنى قۇرۇپ، ھىندىستان يېڭى ئاساسىي قانۇنىنى يېزىپ چىقىشقا مەسئۇل بولۇش (3) ھىندىستان ئىتتىپاقىغا قاتنىشىشنى خالىمايدىغان ئۆلكە ۋە يەرلىك شتاتلارنىڭ ئىتتىپاقنىڭ سىرتىدا تۇرۇشىغا ياكى ھازىرقى ئورنىنى ساقلاپ قېلىشىغا ۋە ياكى ئۆز ئالدىغا ئايرىم يېڭى ئاساسىي قانۇن تۈزۈپ چىقىپ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل دومىنئون بولۇپ قېلىشىغا يول قويۇش (4) ئۇرۇش مەزگىلىدە، ئەنگلىيە ھىندىستاندىكى ھۆكۈمرانلىقنى ھېچقانداق ئۆزگەرتمەسلىك، ھىندىستاننىڭ مۇداپىئە ئىشلىرىنى ئۈستىگە ئېلىش ھەمدە تىزگىنلەپ تۇرۇش ھوقۇقىنى ساقلاپ قېلىش، ھىندىستاندىكى ھەرقايسى پارتىيىلەر ھۆكۈمەتنىڭ ئۇرۇش قىلىشىغا ھەمكارلىشىشى. شۇ يىل 3، 4 - ئايلاردا كرىپپىس ھىندىستاندىكى ھەرقايسى پارتىيىلەرنىڭ يولباشچىلىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان. ھىندىستاندىكى پارتىيىلەر بۇ لايىھىنى رەت قىلغان. خەلق كونگرېسى پارتىيىسى ھىندىستانلىقلارغا مەسئۇل بولغان بىۋاستە ھۆكۈمەت قۇرۇشنى ھەمدە تولۇق ھوقۇق بېرىشنى تەلەپ قىلغان. 4 - ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا تەكشۈرۈش ئۆمىكى نەتىجە ھاسىل قىلالماي ئەنگلىيەگە قايتىپ كەتكەن.