Uyghurئاساسىي لۇغەت
كرومپتون
دۇنيا تارىخى
(1753 - 1827)ئەنگلىيلىك مىيول يىپ ئىگرىش ماشىنىسىنى (قېچىر ماشىنىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) كەشىپ قىلغۇچى، لانكاشىر ۋىلايىتىنىڭ پرېستوندا تۇغۇلغان. ئەسلىدە توقۇمىچىلىق فابرىكىسىنىڭ ياش ئىشچىسى. بەش يىل قېتىرقىنىپ، سىناق قىلىش ئارقىلىق، جېننى يىپ ئىگىرىش ماشىنىسى بىلەن ئاركدېيىت سۇ كۈچى بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغان يىپ ئىگرىش ماشىنىسىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى قوبۇل قىلىپ، 1779 - يىلى يېڭى تىپتىكى يىپ ئىگرىش ماشىنىسىنى كەشىپ قىلغان. ئۇنىڭدا ئېگىرىلگەن يىپ ھەم ئىنچىكە، ھەم پىششىق بولۇپ چىققان، خۇددى قېچىرنىڭ ھەم ئات، ھەم ئېشەكنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولغىنىغا ئوخشاش بولغاچقا، قېچىر ماشىنىسى، ئاھاڭ تەرجىمىسى بويىچە مۇلې دەپ نام بەرگەن. بۇ كەشپىيات توقۇمىچىلىق سانائىتىنىڭ تەرەققىياتىغا غايەت زور تەسىر كۆرسەتكەن.