Uyghurئاساسىي لۇغەت
كوزىر
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە
ئى. قارتا ئويۇنىدىكى ئويۇن ئۇتقۇچى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدىغان باشقا قارتىلاردىن كۈچلۈك، ئۇلارنى بېسىپ چۈشىدىغان قارتا، ئويۇن.
كوزىر چۈشمەك. كوزىر ئوينىماق.
سۈپ. كۈچلۈك، ھەممىنى يېڭىدىغان.
بۇ قىسىم دۈشمەننىڭ كوزىر قىسىملىرىدىن بىرى دەپ قارىلاتتى.
ئى. كۆچمە. كۈچلۈك، ھەممىنى ھەل قىلىدۇ دەپ ھېسابلانغان شەخس ياكى ئامال - چارە.
سىز تۆمۈر ئىسياننى تىنچ ئۇسۇل بىلەن باستۇرۇشتا مېنىڭ ئاخىرقى كوزىرىم بولىسىز.