Uyghurئاساسىي لۇغەت
كوزلوۋ
دۇنيا تارىخى
(1863 - 1935) رۇس. 1883-يىلى پرژبېالىسكىي (1839 - 1888) رەھبەرلىكىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا تەكشۈرۈش ئەترىتىگە قاتناشقان. ئۇزۇن ئۆتمەي پېتېربۇرگ ئوفىتسېرلار مەكتىپىدە ئوقۇغان. 1893-يىلى روبوروۋىسكىي (1856 - 1910) باشچىلىقىدىكى تەكشۈرۈش ئەترىتىگە قانتىشىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادا ئېكىسپېدىتسىيە ۋە تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارغان. كېيىن يەنە كۆپ قېتىم تەكشۈرۈش ئەترىتىگە باشچىلىق قىلىپ، جۇڭگونىڭ غەربىي شىمال رايونىغا ئىچكىرىلەپ كىرىپ، مەدەنىي يادىكارلىقلارنى ئوغرىلاش ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. 1899-يىلى ئۇ تەكشۈرۈش ئەترىتىنى باشلاپ خۇاڭخې دەياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنى، چاڭجىياڭ ۋە لەنساڭجياڭ ۋادىلىرىغا بارغان. 1901-يىلى كۇرۇلۇن (ھازىرقى ئۇلانباتۇر) غا بېرىپ، نۇرغۇن مىنېرال، ئۆسۈملۈك ۋە قۇشلارنىڭ ئەۋرىشكىلىرىنى توپلاپ، روسىيە جۇغراپىيە ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئالتۇن مېدالىغا ئېرىشكەن. 1908-يىلى تاڭغىت سۇلالىسىنىڭ قەدىمكى پايتەختى قاراقۇتچۇرنى تېپىپ، نۇرغۇنلىغان تاڭغىتچە كىتابلارنى، رەسىم ۋە ئويما ئەسەرلەر قاتارلىق يادىكارلىقلارنى ئوغرىلاپ كەتكەن. 1924 - 1925-يىللىرى ئۇلانباتۇرنىڭ شىمالىغا 130 كىلومېتىر كېلىدىغان نويۇن ئۇلاندىن ھونلارنىڭ قەبرىسىنى ئېچىپ، جۇڭگونىڭ خەن دەۋرىدىكى يىپەك توقۇلما بۇيۇملىرى، بۈيۈك شيا ئارشاڭ ئۇسلۇبىغا ئىگە يادىكارلىقلار ھەمدە سكتايلارنىڭ ئويما ھايۋانات بېزەكلىرى قاتارلىق يادىكارلىقلارنى تاپقان. <موڭغۇلىيە، ئاندۇر ۋە ئۆلۈك پايتەخت قارا قۇتچۇر>، <موڭغۇلىيە ۋە قام (شىكان)> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.