Uyghurئاساسىي لۇغەت
كوزومى ياكۇمو
دۇنيا تارىخى
(1850 - 1904)ياپونىيلىك يازغۇچى، ئەسلى ئىسمى لافكادىئوخېئارىن گرېتسىيىدە تۇغۇلغان. دادىسى ئىنگلىز، ئانىسى گرېك، دەسلەپتە ئەنگلىيە ۋە فرانسىيىدە ئوقۇغان. كېيىن ئامېرىكىغا بېرىپ مۇخبىر بولغان ھەم ياۋرۇپا ئەدەبىي ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىش، ئوبزور يېزىش ۋە ئىجادىيەت ئىشى بىلەن شۇغۇللانغان، 1890 - يىلى مۇخبىر سۈپىتىدە ياپونىيىگە بېرىپ سوڭجياڭ ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئىنگلىز تىلىنى ئوقۇتقان. كېيىن ياپونلۇق كوزومى سېتسوكو بىلەن توي قىلغان ۋە ياپونىيە تەۋەلىكىگە ئۆتكەن.