Uyghurئاساسىي لۇغەت
كوسكيۇسكو قوزغىلىڭى
دۇنيا تارىخى
18 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىكى پولشا خەلقىنىڭ يات مىللەتنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوزغىلىڭى. 1794 - يىلى 3 - ئاينىڭ 24 - كۈنى كوسكيۇسكو پولشا خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ كراكوۋ شەھىرىدە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، شۇ شەھەردە ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزىۋاتقان روسىيە تاجاۋۇزچىلىرى بىلەن كۈرەش قىلغان. شۇ يىلى 4 - ئايدا ۋارشاۋادىمۇ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلۈپ، روسىيە ئارمىيىسى ۋارشاۋادىن قوغلاپ چىقىرىلغان، كوسكيۇسكو ۋارشاۋاغا كېلىپ، پۈتكۈل پولشا ھاكىمىيىتىنى تەشكىللەشكە ۋە ئىجتىمائىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىق كۆرگەن. 5 - ئايدا <پورانېز پەرمانى> نى چىقىرىپ، دېھقانلارنى ئازاد قىلىپ، قۇللۇق تۈزۈمنى بىكار قىلغان. لېكىن ئۇنىڭ بۇ ئىشلىرى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرىغان، 5 - ئايدا پرۇسسىيە ئارمىيىسى پولشاغا ھۇجۇم قىلىپ، 6 - ئايدا كراكوۋنى ئىشغال قىلغان، روسىيە پرۇسسىيە ئارمىيىسى ۋارشاۋانى مۇھاسىرىگە ئېلىۋالغان. قوزغىلاڭچىلار، قول - سانائەت ئىشچىلىرى ۋە شەھەر ئاھالىلىرى تاجاۋۇزچىلارغا پائال تۈردە قارشىلىق كۆرسەتكەن، لېكىن كۈچلەر سېلىشتۇرمىسىدا پەرق چوڭ بولغانلىقتىن قوزغىلاڭچىلار مەغلۇپ بولۇپ، كوسكيۇسكو يارىلىنىپ ئەسىرگە چۈشكەن. 11 - ئايدا ۋارشاۋا ئىشغال قىلىنغان، ئىككىنچى يىلى پولشا ئۈچىنچى قېتىم بۆلۈۋېلىنىپ يات مىللەتلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا چۈشۈپ قالغان.