Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
كوسكيۇسكو قوزغىلىڭى
دائىرە: دۇنيا تارىخى柯斯丘什科起义
kē sī qiū shén kē qǐ yì
ⅧⅩ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىكى پولشا خەلقىنىڭ يات مىللەتنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوزغىلىڭى. 1794 - يىلى 3 - ئاينىڭ 24 - كۈنى كوسكيۇسكو پولشا خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ كراكوۋ شەھىرىدە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، شۇ شەھەردە ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزىۋاتقان روسىيە تاجاۋۇزچىلىرى بىلەن كۈرەش قىلغان. شۇ يىلى 4 - ئايدا ۋارشاۋادىمۇ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلۈپ، روسىيە ئارمىيىسى ۋارشاۋادىن قوغلاپ چىقىرىلغان، كوسكيۇسكو ۋارشاۋاغا كېلىپ، پۈتكۈل پولشا ھاكىمىيىتىنى تەشكىللەشكە ۋە ئىجتىمائىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىق كۆرگەن. 5 - ئايدا <پورانېز پەرمانى> نى چىقىرىپ، دېھقانلارنى ئازاد قىلىپ، قۇللۇق تۈزۈمنى بىكار قىلغان. لېكىن ئۇنىڭ بۇ ئىشلىرى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرىغان، 5 - ئايدا پرۇسسىيە ئارمىيىسى پولشاغا ھۇجۇم قىلىپ، 6 - ئايدا كراكوۋنى ئىشغال قىلغان، روسىيە پرۇسسىيە ئارمىيىسى ۋارشاۋانى مۇھاسىرىگە ئېلىۋالغان. قوزغىلاڭچىلار، قول - سانائەت ئىشچىلىرى ۋە شەھەر ئاھالىلىرى تاجاۋۇزچىلارغا پائال تۈردە قارشىلىق كۆرسەتكەن، لېكىن كۈچلەر سېلىشتۇرمىسىدا پەرق چوڭ بولغانلىقتىن قوزغىلاڭچىلار مەغلۇپ بولۇپ، كوسكيۇسكو يارىلىنىپ ئەسىرگە چۈشكەن. 11 - ئايدا ۋارشاۋا ئىشغال قىلىنغان، ئىككىنچى يىلى پولشا ئۈچىنچى قېتىم بۆلۈۋېلىنىپ يات مىللەتلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا چۈشۈپ قالغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.