Uyghurئاساسىي لۇغەت
كوسمىنىسكىي
دۇنيا تارىخى
(1886 - 1959) سوۋېت ئىتتىپاقىلىق تارىخشۇناس. 1910 - يىلى موسكۋا داشۆسىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن مەكتەپتە قالغان. 1919 - يىلى پروفېسسور بولغان. 1934 - يىلى ئوتتۇرا ئەسىر تارىخى ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ خىزمەتلىرىگە رىياسەتچىلىك قىلغان ھەمدە سوېت ئىتتىپاقىپەنلەر ئاكادېمىيىسى تارىخ تەتقىقات ئورنى ئوتتۇرا ئەسىر تارىخ تەتقىقات ئىشخانىسىغا رەھبەرلىك قىلغان. 1946 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى بولغان. ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئەنگلىيىنىڭ يەر تۈزۈمى تارىخىنى تەتقىق قىلىشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، 13 -ئەسىردىكى ئەنگلىيە فېئودال مانورلىرى ئۈسىتدە چوڭقۇر ئىزدەنگەن. ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ تارىخشۇناسلىق تارىخى، 12 - ئەسىردىكى ئەنگلىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى تارىخى ۋە ۋىزانتىيە تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىمۇ تۆھپىسى بار. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن <13 - ئەسىردىكى ئەنگلىيە يېزىلىرى>، <13 - ئەسىردىكى ئەنگلىيەنىڭ يەر تۈزۈمى تارىخى ھەققىدە تەتقىقات>، <ئوتتۇرا ئەسىردىكى تارىخشۇناسلىق تارىخى> قاتارلىقلار بار.