Uyghurئاساسىي لۇغەت
كولونىستلىق تۈزۈمى
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى رىمدىكى بىرخىل يەر ئىكىسپىلاتاتسىيىسى ۋە جىسمانىي بېقىندىلىق تۈزۈمى. لاتىنچە Coloni بولۇپ، <بېقىندى دېھقان قۇل> دېگەن مەنىدە. دەسلەپكى چاغلاردا رىم قۇللۇق جەمئىيىتىدىكى كىچىك بىر پارچە يەرگە ئىگە، ئۆز ئالدىغا تېرىقچىلىق قىلىدىغان دېھقانلار ياكى مۇستەملىكىگە كۆچۈرۈلۈپ كېتىلگەن ئاھالىلەرنى كۆرسەتكەن. جۇمھۇرىيەتنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىگە كەلگەندە ئۆز ئالدىغا تېرىقچىلىق قىلىدىغان دېھقانلارنىڭ زور كۆپچىلىكى ۋەيران بولغان (بەزىلىرى لۈكچەك پرولېتارلارغا ئايلىنىپ كەتكەن). رىم ئىمپېرىيىسى مەزگىلىدە (مىلادىدىن 30 يىل ئىلگىرىدىن مىلادى 476 - يىلغىچە) چوڭ يەر ئىگىلىرىگە بېقىنىپ ئىشلەيدىغان ئىجارىكەش دېھقانلارنى كۆرسەتكەن. ئۇلارنىڭ ئاساسلىق كېلىش مەنبەسى: بىرقىسمى قۇللۇق تۈزۈم زاۋاللىقىغا يۈز تۇتقان مەزگىلدە قۇلدارلار چوڭ ئېكىنزار قورۇقلىرىنى كىچىك پارچىلارغا بۆلۈپ، بۇنى قۇللارنىڭ تېرىقچىلىق قىلىشىغا ئىجارىگە بەرگەنلىكى سەۋەبىدىن بارلىققا كەلگەن؛ يەنە بىرقىسمى سۇنغان، ئۆزى تېرىقىچلىق قىلىدىغان دېھقانلار ۋە چەتتىن كەلگەن <ياۋايى مىللەت> ئىجارىكەشلىرى ياكى چوڭ ئېكىنزار ئىگىلىرىنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا تىرىكچىلىك قىلىدىغانلاردىن بارلىققا كەلگەن. كولونىستلارنىڭ ئادەتتە ئۆز ئائىلىسى ۋە ئازغىنە ئىگىلىكى (قورال -سايمان، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى) بولغان؛ لېكىن چوڭ پومېشچىكلارغا باج - سېلىق (پۇل ياكى ئەمەلىي نەرسە - كېرەكلەر) تاپشۇرۇپ تۇرغان ۋە ئۇلارنىڭ ھاشارچىلىقىنى قىلغان. بېقىندى دېھقانلار يەرگە مۇقىملاشتۇرۋېتىلگەن بولۇپ، ۋاقتى كەلگەندە يەر بىلەن بىللە سېتىشقا بولغان. رىم ئىمپېرىيىسى مەزگىلىدە بېقىندى كولونىستلار تۈزۈمى قۇللۇق جەمئىيەتنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى فېئوداللىق ئامىل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. كولونىستلار قۇلدىن پەرقلىنىدۇ. لېكىن ئوتتۇرا ئەسىردىكى يانچىلارغا ئوخشىمايدۇ. ئۇلار <ئوتتۇرا ئەسىردىكى يانچىلارنى ئەجدادى> (ئېنگلېس).