Uyghurئاساسىي لۇغەت
كولومبىللا
دۇنيا تارىخى
(مىلادى Ⅰ ئەسىر) قەدىمكى رىم ئاگرانومى. ئىسپانىيەنىڭ جەنۇبىي دېڭىز قىرغىقىدكى كادىستا تۇغولغان. ھەرقايسى جايلارنى ساياھەت قىلىپ، ئىتالىيىدە خېلى ئۇزاق تۇرغان. ئۇنىڭ 12 جىلدلىق <يېزا ئىگىلىك تەزكىرىسى> دېگەن ئەسىرى دېھقانچىلىق، باغۋەنچىلىك ۋە چارۋىچىلىق قاتارلىق تۈرلۈك كەسىپلەردىكى ئىگىلىك باشقۇرۇش ئىشلىرىنى تەجرىبە بىلەن تەمىن ئەتكەن. ئۇنىڭدا، ئىتالىيەنىڭ قالاق يېزا ئىگىلىكىنى نەزەردە تۇتقان ھالدا، تۈجۈپلەپ تېرىقچىلىق قىلىش تەشەببۇس قىلىنغان؛ قۇرۇق ئىگىلىرىنى: <يەرنى ناچار قۇلغا تېرىشقا بېرىش، گۇناھسىزنى جاللاتقا تاپشۇرغان بىلەن باراۋەر> (1 - جىلد) دەپ ئاگاھلاندۇرغان. بۇ كىتاب رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدىكى ئىتالىيەنىڭ قۇللۇق تۈزۈم ئىقتىسادىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ماتىرىيال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.