Uyghurئاساسىي لۇغەت
كولىدگې
دۇنيا تارىخى
(1872 - 1933) ئامېرىكا زۇڭتۇڭى (1923 - 1929). جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىدىن. 1895 - يىلى ئامخست داشۆسىنى پۈتتۈرۈپ، ئادۋوكات ۋە سودىيە بولغان. 1910 - 1920 - يىللىرى شىمالىي ئامىپتون شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى بولغان. 1912 - 1915 - يىللىرى ماسساچۇسېت شتاتىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى ۋە پالاتا باشلىقى بولغان. 1916 - 1918 - يىللىرى ماسساچۇسېت شتاتىنىڭ مۇئاۋىن شتات باشلىقى بولغان. 1919 - 1920 - يىللىرى شتات باشلىقى بولۇپ، بوستوندىكى خىزمەت تاشلىغان ساقچىلارنى باستۇرغانلىقى بىلەن نام قازانغان. 1920 - يىلى مۇئاۋىن زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان. 1923 - يىلى زۇڭتۇڭ خاردىڭ تاساددىپىي قازا تاپقاندىن كېيىن، زۇڭتۇڭ بولغان. ئىككىنچى يىلى يەنە زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان. ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىللىرى خۇسۇسىي مۈلۈككە <دەخلى - تەرۇز> يەتكۈزۈشكە قارشى چىقىپ، مكنارى - خوگېن دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ ئىجتىمائىي ياردەم بېرىش لايىھىسىنى ئىككى قېتىم رەت قىلغان؛ سىرتقا قارىتا <يېڭى ئىزولىياتسونىزم> نى يۈرگۈزۈپ، باشقا دۆلەتلەر بىلەن سىياسىي كېلىشىم تۈزۈشنى، دۆلەتلەر ئىتتپاقىغا قاتنىشىش ۋە خەلقئارالىق مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشنى خالىمىغان، لېكىن چوڭ كارخانىلارنى سىرتقا پۇل قەرز بېرىش ھەم سەرمايە سېلىشقا رىغبەتلەندۈرگەن. <داۋېس پىلانى> دىن پايدىلىنىپ ئامېرىكا تەسىرىنىڭ ياۋرۇپاغا سىڭىپ كىرىشىنى كۈچەيتكەن.