Uyghurئاساسىي لۇغەت
كازېئىن
بىئولوگىيە
<پىشلاق> - دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تەركىبىدە فوسفور بولغان بىرىككەن ئاقسىل. ئۇنىڭ مىقدارى سۈتتە ئەڭ يۇقىرى بولىدۇ، ھەمدە سۈتنىڭ ئاساسلىق تەركىبىدۇر. تەركىبىدە ئېھتىياجلىق ئامىنو كىسلاتالىرى كۆپ بولغانلىقتىن ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولىدۇ. ئۇ كالتسىيىلىق تۇزى شەكلىدە مەۋجۇت بولۇپ، كىسلاتا ياكى گىموزىن (سۈت ئۇيۇتقۇچى ئېنزىم) نىڭ تەسىرىدە ناھايىتى تېزلا ئايرىلىپ چىقىدۇ. سۈزمە تەييارلىنىدۇ، يېپىشتۇرغۇچى ۋە سۇلياۋلارنىڭ خام ئەشياسى قىلىنىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە؛لاتىنچە
خىمىيە
ھايۋانات سۈتى تەركىبىدىكى ئاقسىل ماددىسىنى كىسلاتا بىلەن ئۇچراشتۇرۇپ قاتۇرۇش ئارقىلىق ئاجرىتىپ ئېلىنىدىغان پاراشوك. سارغۇچ ئاق كېلىدۇ. ئادەتتە يېمەكلىك تەييارلاشتا ئىشلىتىلىدۇ. يەنە بوياق، سۈنئىي تالا قاتارلىقلارنى ياساشتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.