Uyghurئاساسىي لۇغەت
كازىمىر پېرىئېر
دۇنيا تارىخى
(1847 - 1907)فرانسىيە 3 - جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى (1894 - 1895). باي سودىگەر - تۆرە جەمەتىدىن، پرۇسسىيە - فرانسىيە ئۇرۇشى ۋاقتىدا ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن. 1876 - يىلى ئاۋام پالاتاسىغا كىرگەن. مۆتىدىل جۇمھۇرىيەتچى. ئاۋام پالاتاسىنڭ مۇئاۋىن باشلىقى (1890 - 1892) ۋە باشلىقى (1893) بولغان. 1893 - يىلى 12 - ئايدا زۇڭلى بولۇپ، ئوڭ قاناتتىكىلەرنىڭ قوللىشى بىلەن ئانارخىستلارغا قارشى قانۇن چىقارغان. 1894 - يىلى 5 - ئايدا تەختتىن چۈشكەن. كارنو سۈيقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، 6 - ئاينىڭ 27 - كۈنى ئۇنىڭ ئورنىغا زۇڭتۇڭ بولغان. سول قاناتتىكىلەرنىڭ كۈچلۈك ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقتىن، زۇڭلى دىپىي (1851 - 1923) بىلەن ئەپلىشەلمەي 1895 - يىلى 1 - ئايدا ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن. شۇنىڭدىن كېيىن سودا - سانائەت بىلەن شۇغۇللىنىپ ئاڭزەن كۆمۈر - تۆمۈر شىركىتىنىڭ دېرىكتورى بولغان.